جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىن زور ساندا ئەمگەك كۈچى يۆتكەش كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.01.10
eshincha-emgek-kuchi-xitay-ustaz.jpg ئۇيغۇر دىيارىدىكى جوڭتەي گۇرۇھىنىڭ مەلۇم زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەشقەر، خوتەندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئۇستاز تېخنىكا ئۆگەتمەكتە. 2017-يىلى سېنتەبىر.
ts.cn

خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنى مەركەز قىلىپ، خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ۋە بىڭتۇەندىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ، بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشىلاشقا ئاساس سالىدۇ، دېگەن. ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ تەدبىرنى قوللىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ يامان ئاقىۋىتى، ئۇلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىشى ۋە ئۆز ماكانلىرىدا شالاڭلاشتۇرۇلۇشى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، 2018-يىلى شەھەر-بازارلاردىكى 460 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەردىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، مەزكۇر پىلاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مەزكۇر خەۋەردە، 2018-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ، ئالدىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە لايىھىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە: «مەملىكەتلىك ئىستاتېستىكىدا نامراتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلاردىن ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە بىڭتۇەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان» دېيىلگەن.

مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. 

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى 9-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلىنىڭ بەكلا بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەنقىدلەپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان، يېزىلاردىكى ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى› نامىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىشى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئۆز زېمىنىدا شالاڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى» دېدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور شامىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى نىشان قىلغان مۇنداق زور ساندىكى يېزا ئەمگەك كۈچىنى خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرى ۋە شىمالىي ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلەر رايونىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، دائىرىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت سىياسىي ئېھتىياجىدىن تۈزۈلگەن پىلان دېيىش مۇمكىن.

پروفېسسور شامىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەڭلا تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھوقۇقنى سىستېمىلىق ھالدا مەركەزلەشتۈرمەكچى ھەم بۇ جەھەتتىكى ھەرقانداق توسالغۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى. بۇنىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنلىرىدىن ۋاڭ چىسەننىڭ ‹ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىش كېرەك› دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىش مۇمكىن. يېزا نوپۇسلىرىنى تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە يۈرگۈزۈلگىنىدىمۇ خۇددى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى› نامىدا يۆتكىگەنگە ئوخشاش مەجبۇرى يۈرگۈزگەن ئىدى. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كرىزىسىنى ئاتالمىش ‹بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىەسى› نى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نامىدا ھەل قىلماقچى. شۇڭا ھازىر يېزىلاردىكى دېھقانلارنى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› نامىدا، تېرىلغۇ يەرلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىشتەك بۇ خىل بۇ سىياسەتنى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگىمۇ مەجبۇرى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ».

شاھ مىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدىمۇ توختالدى.

شامىڭ ئەپەندى: «نۆۋەتتە، بۇ خىل يۆتكەش سىياسىتىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلاردىكى دېھقانلارغا، بولۇپمۇ ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى نىشان قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىم، تىنچ ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش ۋە بۇنى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىدىكى ھالقىلىق مەسىلە دەپ بىلگەنلىكىدىن. ئۇلار بىر تەرەپتىن بۇ جايدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى› نامىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ۋە شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ھەم خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلسەڭلار يۇقىرى مائاش يۇقىرى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولىسىلەر، دېگەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى يەنىمۇ شالاڭلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى».

ئەمما شاھ مىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنىمۇ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش سىياسىتى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن، «يەر-بايلىقلىرىمىز خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى، ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن نارازىلىققا ئۇچرىسا، خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە ئىشسىزلىق بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئىشسىز قالغان خىتاي پۇقرالىرىدا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى كۈچىيىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەركەز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىككى مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يۆتكەشنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك پىلان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يەرلىرىدە نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە ئاخىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە يەنە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانى 20 مىڭ 859 ئادەم ئىكەنلىكى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكەلگەنلەرنىڭ 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.