ئۇيغۇر ئېلىدە «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى مۇلاھىزە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غايىب بولغان ئابدۇغېنى ئەزىزنىڭ كىملىكى.
غايىب بولغان ئابدۇغېنى ئەزىزنىڭ كىملىكى.
RFA/Shöhret Hoshur

يېقىندا تەتقىقاتچى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مايكىل كەسېتىر خىتايدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش مەسىلىسىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن شۇ خىل جازالاش ئۇسۇلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ئاساسىدا «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلق جۇمھۇرىيىتى» ماۋزۇلۇق بىر كىتابنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ بۇ كىتابى مۇناسىۋىتى بىلەن «دىپلومات» ژۇرنىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ھازىرغىچە خىتايدا بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، غايىب قىلىۋېتىش» ھەرىكەتلىرى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، نورمال بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. «دىپلومات» ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى-2012 يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلار ۋە ئېغىر پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى «بەلگىلىك ئورۇندا نازارەت ئاستىغا ئېلىش» قا ئائىت ماددىنى قوشقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرىدىكىدەك «بەلگىلىك ئورۇندا نازارەت ئاستىغا ئېلىش» دېگەن ئىسىم ئاستىدا قانۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىندا، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مايكىل كەستىر مانا مۇشۇ خىل قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، بۇنداق ئورۇنلاردا جىسمانىي ۋە پسىخىك قىيناشلىرىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى ئاساسىدا «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلق جۇمھۇرىيىتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە كىتابنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ كىتاب مۇناسىۋىتى بىلەن «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدىكى كىشىلەر غايىب قىلىۋېتىلىدىغان بۇ ئاتالمىش «بەلگىلىك ئورۇنلار» نىڭ خىتايدىكى تۈرمە ياكى قارا تۈرمىلەردىنمۇ قورقۇنچلۇق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئورۇنلاردا پسىخىك قىيناش ۋە تەن جازاسى بارلىقىنى، بۇ ئورۇنلارنىڭ كىشىلەرنى قورقۇتۇش ئارقىلىق دۆلەت كۈچىنى ھەيۋە قىلىشنى قىسقىسى بۇ ئورۇنلارنىڭ قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا بۇنداق ئورۇنلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان 3 نىشانلىق گۇرۇپپا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار، ئۈچىنچىسى، زىيالىيلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەر ئىكەن. ئەمما مايكىل كەستېر سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «مەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، گەرچە كىتابتا ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىك ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلار ئۇيغۇرلاردۇر» دېگەن. مايكىل كەستېر «دىپلومات» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ 2009‏-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن باشلىنىپ تا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو مەزگىلىدە كېيىن ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي غايىب قېلىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەتقىقاتچى مايكىل كەستېر ئەپەندى «دىپلومات» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلىتىنىڭ ‹بەلگىلىك ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇش› دەيدىغان بۇ سىستېمىسىنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋال ۋە ئوخشىمىغان نوپۇس گۇرۇپپىلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئوخشىمىغان ئىسىملىرى بار. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹غايىب قىلىۋېتىش› ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىسىنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ئاتالغان ئىسمى بولسا «سىياسىي تەربىيەلەشتىن ئۆتۈش».

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئېنىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب قىلىۋېتىلگەن 43 كىشىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر-2009 يىلىدىن كېيىن ۋە 2016-يىلى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن بۇيان يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق، ئۇلار بۇ ھەقتە قولىدا تولۇق ماتېرىيال يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى مانا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بېرىقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ بەزىلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزغان. ھازىر بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ھەم شۇنداقلا مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن قايتقاندىن كېيىن تۇتۇلۇپ قايتا ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بىراق، بىزنىڭ قولىمىزدا تولۇق مەلۇمات بەك ئاز. بىز خەلقئارا قانۇنلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان بىر ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما بۇ مەركەزلەر ۋە غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلار ھەققىدە بەك ئاز نەرسە بىلىمىز. مەسىلەن، شۇنداق غايىب بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئېنىق ئۇچۇرلىرى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشىش بەك قېيىن بولماقتا».

ھېنرىي شاجېسكىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىش، مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ياكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى قاتتىق چەكلەش ھەم غايىبلارنىڭ يېقىنلىرىنى ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىشتىن چەكلەش، ھەتتا سۈرۈشتۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىنىمۇ غايىب قىلىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن. شۇڭا بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك خەلقئارا ئىنكاس قوزغىيالماسلىقنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

مايكىل كەستېر ئەپەندىمۇ «دىپلومات» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئېغىر خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قانۇن نامى ئاستىدا، كىشىلەرنى قورقۇتۇش يولى ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارانىمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ جىمىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەمدى خىتاينىڭ بۇنداق قانۇنسىزلىقلىرىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت