دوكتور مىياۋاكى:خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.08.26
miyawaki-uyghur-xitay-basturush-terrorizim.jpg ياپونىيەنىڭ «تارىخ ئۆتكىلى» ژۇرنىلى
RFA/Qutluq


خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق سىياسى، ئىجتىمائىي تەلەپلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرىدۇ؟ ياپونىيەلىك تارىخشۇناس دوكتور مىياۋاكىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي، مەدەنىيەت، سىياسى، نوپۇس ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلىرى بار. ئۇ، ياپونىيە «تارىخ ئۆتكىلى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلغان.

تارىخ پەنلىرى دوكتورى مىياۋاكى خانىم ماقالىسىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تېررىتورىيەسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا قارشىلىق بىلدۈرۈش، نامايىش قىلىشتەك ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، 2014 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچىدە ئارقا - ئارقىدىن پارتلىتىش ھۇجۇملىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال پويىز ئىستانسىسىدا شۇنداقلا ماي ئېيىدا ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھەرىكەتلەر دەپ قارالسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەتلىرى دەپ چۈشىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىياۋاكى خانىم ماقالىسىدە بۇ يىل ئىلى تەنتەربىيە سارىيىدا يەتتە مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان 55 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئېچىلغان ئوچۇق سوت ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كوللېكتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ باشقىلارنى قورقۇتۇپ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش دەرىسى بېرىۋاتىدۇ. شەخسىيەتچى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىدىن تىل، مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە شۇنداقلا چىراي شەكىلدە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ»دېگەن.

ياپونىيەنىڭ «تارىخ ئۆتكىلى» ژۇرنىلىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىدىن بىر سۈرەت
ياپونىيەنىڭ «تارىخ ئۆتكىلى» ژۇرنىلىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىدىن بىر سۈرەت

ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلاسى دەۋرىدىكى ئەسكىرىي كۈچى ھەققىدە توختىلىپ:«710 - يىلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق خىتايغا كەلگەن. 751 - يىلى تالاس ئۇرۇشى يۈز بېرىپ ئابباسىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسكىرىي قوماندانى ئابۇ مۇسلىم تاڭ سۇلالىسىنى ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، بۇ ئۇرۇش يۈز بېرىپ تۆت يىلدىن كېيىن تاڭ خاندانلىقى «ئەنشى توپىلىڭى»نى باستۇرۇشقا ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى توپىلاڭنى تىنچلاندۇرۇپ، سۇ زۇڭ خاننى قوغدىغان ئىدى» دەيدۇ.

مىياۋاكى خانىم ماقالىسىدە 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ما جۇڭيىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ،1934 - يىلى شېڭ شىسەي سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ما جۇڭيىڭنى ئۇيغۇر ئېلىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق قوزغىلاڭلارنى باستۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، 1944 - يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەغدىرى توغرىسىدا ماۋ زېدۇڭ بىلەن ستالىن ئارىسىدا تۈزۈلگەن سۆھبەت كېلىشىملەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ:«شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بىر بۈيۈك جۇمھۇرىيەت ستالىن تەرىپىدىن خىتايغا سېتىۋېتىلدى» دېگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا:« ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان بىڭتۇەن 1960 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ بولغان ئىدى. ئۇلارغا كومپارتىيە ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ئىش كۆرۈش سىياسىيىتى بەلگىلەپ بەرگەنلىكتىن، بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىنى، بارلىق تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋېلىپ، بۇ سىياسەتكە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قوراللىق قاتتىق باستۇرغان ئىدى» دېيىلگەن.

دوكتور مىياۋاكى خانىم ماقالىسىدە، خىتاي كۆچمەنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ:«1973 - يىلى، ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ چىققان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليونغا يەتتى. بۇنىڭ بىلەن نوپۇسىنىڭ 45% نى خىتايلار ئىگىلىدى، 1999 - يىلىدىن باشلاپ كومپارتىيە غەربنى گۈللەندۈرۈش، ئېچىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودروم ياساشتەك چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى يولغا سېلىپ بۇ تۈرلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئىشسىز قالغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا زور تۈركۈمدە كۆچۈپ چىقتى. 2006 - يىلى 20 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي نوپۇسى 8 مىليونغا يەتتى. ئۇيغۇرلارنى كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئارقىلىق ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭغا قانائەت قىلماي 2006 - يىلىدىن باشلاپ 15 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان تۆت يۈز مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر قىزلىرىنى دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارغا يۆتكەپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي قاۋاقخانلىرىدا، تانساخانىلىرىدا خىتاي ئەركەكلىرىنى كۈتۈشكە مەجبۇرلىدى. ئاز بىر قىسمىي زاۋۇتلاردا تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن خورلاندى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ مەقسىتى خىتاي تىل - يېزىقىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلار بىلەن توي قىلدۇرۇش ئىدى. بۇ خىل خورلۇققا چىدىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز قارشىلىقىنى بىلدۈرۈشتى» دېگەن.

ماقالىدە يەنە، مانجۇلارنىڭ خىتاي مىللىتىنى ئېزىش، باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئۈلگە ئالغان خىتاي كومپارتىيىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ يۈرگۈزۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىسلام ئەقىدىسىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ئاتاپ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىغا مۇجاھىدلارنىڭ توپلىشىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئاغزىنى پۇل بىلەن تۇۋاقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندۇنېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بارغان نامايىشى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى پلاكاتلارغا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىھادقا ئاتلىنايلى!» دېگەن شۇئارلار يېزىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتىكى نامايىشچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە:« خىتايدىكى قېرى تۈلكە دېڭ شاۋپىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئۇلارنى باشقۇرۇپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ ئۇلارنى قوراللىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئەل قىلىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ياپونىيەدە تونۇلغان تارىخچى مىياۋاكى خانىم ماقالىسىنى:«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدەك ۋەقەلەردە زور ئىنسانلارنى قىرىپ تاشلىغان خىتاي كومپارتىيىسىگە ياپونىيە ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتتىن كۆپ ياردەم قىلىپ خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللەندۈرۈپ قويدى. مانا ئەمدىلىكتە خىتايلار كۈچلۈك ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان ياردەمنى توختىتىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان سودا ئالقىسىنى ئۇزۇشى كېرەك» دەپ ئاخىرىلاشتۇرغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسگە كۆڭۈل كېلىۋاتقان ئارېسا خانىم تارىخىچى مىياۋاكى خانىم ھەققىدە توختىلىپ:«مىياۋاكى خانىم ئىزچىل ھالدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ياپون زىيالىيلىرىدىن بىرى» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.