مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كادىرى - ئەنۋەر ئەيسانىڭ مىللەت ۋە دىن ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەيسانىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى.
كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەيسانىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى.
Social Media

كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەيسا شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلارنىڭ ئورتاق دىنىي ئېتىقادى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ھەمدە «شىنجاڭدا ھېچقاچان تۈرك دۆلىتى بولۇپ باقمىغان» دېگەن.

ئۇنىڭ 17‏-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئەمەس، بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈرك ئەمەس، بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، «ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، دىنىمىز ئىسلام، مىللىتىمىز تۈرك» دېگەن بۇ ئۇقۇملارنى ئاتالمىش «3 خىل كۈچلەر» ياساپ چىققان ئىكەن.

مەزكۇر ماقالە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاخبارات، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت، تارىخ ۋە دىن قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئەنئەنىۋى كىملىك قارىشى ۋە چۈشەنچىلىرىگە قارشى ئېلان قىلىنغان ئەڭ رادىكال سىياسىي تەنقىد ماقالىلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قايسى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسى ۋە خەلقلەر توپىغا كىرىدىغانلىقى، ئەگەردە ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ ئورتاق دىنىي ئېتىقادى بولمىغىنىدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى دىنسىزلارنىڭ ياكى باشقا دىنلارغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئەنۋەر ئەيسانىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئېلان قىلىنىشتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال خىتاي كومپارتىيەسى بېيجىڭدا «شىنجاڭدىكى بىرقانچە تارىخىي مەسىلىلەر» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى يۈ جېشېڭ كومپارتىيەنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى مەيدانى ۋە سىياسىتىنى شەرھلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت قاتارلىق مەسىلىلەردە «ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان خاتا ئىدىيىلەر» نى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بەزى بەزى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىر تۈركىي خەلق بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوقكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي تارىخچى جۇ شۆيۈەن ئەپەندى بۇ قاراشتىكى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنى تۈركىي خەلق ئەمەس دېيىش ئىنتايىن تۇتۇرۇقسىز كۆز قاراش. ئۇيغۇرلار بىر تۈركىي مىللەت. ئۇلارنىڭ تىلى پۈتۈنلەي تۈركىي تىل. شۇڭا، بىز ئۇنى تۈركىي تىللىق مىللەت دەپ ئاتايمىز. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بۇ سېرىق ئۇيغۇرلار قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر ۋە ئاناتولىيەدىكى پۈتۈن تۈركلەرنى، موڭغۇلىيەدىكى بىر قىسىم خەلقلەرنى ۋە سىبىرىيەدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ جۇغراپىيەنى تۈرك دۇنياسى دەيمىز. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تىلىنى تېزلا چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار نەق تۈركىي خەلقنىڭ ئۆزى.»

جۇ شۆيۈەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنۋەر ئەيسا مەدەنىيەت دېگەن نېمە، دىن دېگەن نېمە، قانداشلىق مەنىسىدىكى مىللەت دېگەن نېمە دېگەن ئۇقۇملارنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ سۆزىدە ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى مىللەت ئۇقۇمى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىي مىللەتلىرى دۇنيادىكى ناھايىتى چوڭ مىللەت. بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ ھازىرقى مىللەت قارىشىمىز ئاساسەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى مىللەت قارىشى ئەمەس، بەلكى تىل ئاساسىدىكى مىللەت قارىشىدۇر. مەسىلەن، بىزنىڭ خەنزۇلار، بىزنىڭ خەنزۇ مىللىتى قانچىلىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەنۇبتىكى خەنزۇلار بىلەن شىمالدىكى خەنزۇلارنىڭ، شەرقتىكى خەنزۇلار بىلەن غەربتىكى خەنزۇلارنىڭ چىرايى ئوخشىمايدۇ. خەنزۇلار تىلنى ئاساس قىلغان مىللەت. خەنزۇ مىللىتى ھەرگىز قانداشلىقى ئاساسىدىكى مىللەت ئەمەس. شۇڭا تۈركىي مىللەت دېگەن بۇ ئۇقۇم مەۋجۇت رېئاللىق. ئۇلار تىل ۋە مەدەنىيەت ئاساسىدىكى مىللەت توپى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، پىكىر ئىدىيەسى ئۆز ئارا ئوخشايدۇ. ئەگەردە ئەنۋەر ئەيسا ئۇيغۇرلارنى تۈركىي مىللەت ئەمەس دېگەن بولسا، ئۇنىڭ تىل دېگەن نېمە، مەدەنىيەت دېگەن نېمە، قانداشلىق دېگەن نېمە، دېگەندەك ئۇقۇملارغا بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ ئەمەسكەن.»

ئەنۋەر ئەيسا ماقالىسىدە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمكى تۈركلەرنى ۋە ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرىنى بىر مىللەت دەپ ئارلاشتۇرىۋېتىش «پان-تۈركىزىم» نىڭ تارىخىنى ياساپ چىقىپ، تەۋەلىك تونۇشىنى ئۆزگەرتىش، خىتاينى پارچىلاش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئىسلام-ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دىنى ئىكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى غازات ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، «دىنىي رادىكاللارنىڭ بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام، دېگەننى تەرغىب قىلىشى (ئۇيغۇرلارنىڭ) تارىخىي ۋە ھازىرقى رېئاللىقىغا، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ» بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىشەنمەسلىكى دىنى ئەركىنلىكنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالىكەن.

بىراق، ئەنۋەر ئەيسا ماقالىسىدە نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، دىنسىز ياكى باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئەنۋەر ئەيسانىڭ قارىشى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس-ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئۇلار ئۆلگەندە ئايدىڭلىشىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ دىنىي مەيدانىنى قانداق ئۆزگەرتسۇن ياكى ئۆزگەرتمىسۇن، ھەرقانداق ئىنسانىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆلگەندە، يەرلىكىگە قويغاندا ئاندىن بىلىمىز. ھەرقانداق ئادەم تىرىك ۋاقتىدا نېمە دېمىسۇن، ئۇ ئۆلگەندە ئۇنى دەپنە قىلغاندا ئۇنىڭ دەپنە قىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى، دەپ بېرەلەيمىز. بۇ يەردە "مەن مۇسۇلمان ئەمەس" ياكى ‹دىنغا ئىشەنمەيمەن› دېگەنلەر ئۆلگەندە قانداق بولىدۇ، بىز شۇنىڭغا قارىساق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار 1000 يىللىق مۇسۇلمان بىر مىللەت. ھەرقانداق ئۇيغۇر ئەر كىشى خەتنە قىلىدۇ، ئۆلگەندە مۇسۇلمانلارغا خاس دەپنە قىلىنىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىدا نۆلدە بىر پىرسەنت كوممۇنىستىك ئىدىيەدىكى ئادەم بولسا، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.»

دوكتور قاھار بارات يەنە، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىنسا، ئەنۋەر ئەيسا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بىلەن چاغاتاي تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قاھار بارات يەنە مۇنداق دېدى: «چاغاتاي تىلى ئورتاق تۈركىي تىلى. ئۇنىڭدا يېزىلغان ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق، ئاپتورلارنىڭ ھەممىسى زەلىلى، سەكاكى، لۇتفى، ناۋايى ھەممىسى ئۆزىنى تۈركىي، دەپ ئاتايدۇ. ئەنە شۇ ئەدەبىيات چاغاتاي ئەدەبىياتىدۇر. ئوسمانلى ئەدەبىياتى بىلەن چاغاتاي ئەدەبىياتى غەرب ۋە شەرقتىكى تۈركىي خەلەر ئىجات قىلغان ئىككى چوڭ خەزىنە. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلساق، 13‏-ئەسىردىن 19‏-ئەسىرگىچە بولغان ئارقىلىقتىكى 500-600 يىللىق پاكىتقا كۆز يۇمغان بولىمىز.»

لېكىن ئەنۋەر ئەيسا ماقالىسىدە، «3 خىل كۈچلەر» نىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ياساپ چىقىپ، شىنجاڭ تارىخىنى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ۋە دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ باياناتىدا ئۇلار «ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام» دېگەننى تەرغىب قىلىپ كەلدى،» دېگەن.

«دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، ئىرقىمىز تۈرك» دېگەن بۇ شوئار ئۇيغۇرلارنىڭ 1930-ۋە 1940 ‏-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەسئۇد سابىرى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانچىلار ھەرىكىتىنىڭ مىللىي مەفكۈرىسى ئىدى. ئۇلار بۇ شوئارنى خىتاينىڭ چوڭچىڭ، نەنجىڭ شەھەرلىرىدە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا چىقارغان «ئەرك» گېزىتى قاتارلىق گېزىت-ژورناللارنىڭ باش بېتىگە بېسىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت