ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھارۋىسى گېرمانچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-12-25
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «Süddeutsche Zeitung» دە ئېلان قىلىنغان كوزۇپلۇق ھارۋا ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدا ماقالە. 2014-يىلى 31-يانۋار.
گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «Süddeutsche Zeitung» دە ئېلان قىلىنغان كوزۇپلۇق ھارۋا ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدا ماقالە. 2014-يىلى 31-يانۋار.
Süddeutsche.de diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن خىتاينىڭ ميۇنخېندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىغا بىر كوزۇپلۇق ھارۋا توختىتىپ قويغان.

ئۈستى كۆك بايراق بىلەن بېزەلگەن، تۆت تەرىپىگە «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلار چاپلانغان ھارۋىنىڭ ئورنى گېرمانىيە قاتناش قائىدىسىگە ئاساسەن ئىككى ھەپتىدە بىر يۆتكەپ قويۇلىدىكەن. كوزۇپلۇق ھارۋا ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «Süddeutsche Zeitung» گېزىتىمۇ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، بۈگۈن «Geselschaft für Bedrohte Völker» ناملىق گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ژۇرنىلىدىمۇ ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان.

بىز خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا كوزۇپلۇق ھارۋا قويۇش ئارقىلىق نارازىلىق پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ ھارۋىنىڭ ئۈستىدىكى كۆك بايراق ۋە شوئارلارنىڭ ھەر كۈنى كونسۇلخانىغا خىزمەتكە كېلىپ-كېتىۋاتقان خىتاي دىپلوماتلارغا شەرقىي تۈركىستاننى مەسىلىسىنى خاتىرلىتىپلا قالماستىن بەلكى، بايراملاردا كونسۇلخانىغا زىياپەتكە كەلگەن كىشىلەرگە ۋە خىتايغا ۋىزا ئېلىشقا كەلگەنلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت