قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك گۇمان ۋە ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.01.17
qaraqash-yepiq-terbiyelesh-ot-apiti-1.jpg قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-يانۋار.
Social Media

بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ھەمدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاراتقۇلىرىدا، بىر ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق تارقىتىلغان 20 نەچچە سېكۇنتلۇق بىر سۈرەتلىك ئۇچۇرى كەڭ تارقىلىپ، ئۇچۇردا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت بېكەتتىكى يىغىۋېلىش لاگېرغا شۇ يەر ۋاقتى 15-يانۋار كۈنى كەچ 18:00 ئەتراپىدا ئوت كەتكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. ئەمما بۇ ئوتنىڭ كېتىش سەۋەبى، نەتىجىسى ھەققىدە باشقا مەلۇماتلار بېرىلمىگەن. مەزكۇر قىسقا كۆرىنىشتىن ئوتنىڭ خېلى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئوت كېتىپ ۋەقەسى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇر تېز ئارىدا تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشىلىك بىر قايغۇلۇق پاجىئە سۈپىتىدە تۈرلۈك قىياس گۇمانلارغا سەۋەب بولدى.

ئەمما، رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن بىر مۇھاجىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئوت ۋەقەسى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تۈۋەت قاتناش بېكىتىگە يېقىن ئۆستەڭ بويى مەسچىتىگە كەتكەن ئوت بولۇپ، ئۇ بۇ مەسچىتنىڭ يېقىندا تەربىيەلەش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بار ئىكەن. ئۆزىنىڭمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاراقاشتىكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدا بولغاچقا، بۇ ئۇچۇر تارالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى ۋە سۈرۈشتە قىلغانلىقى، لېكىن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى مۇخبىرىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە، قاراقاش دائىرىلىرىگە قاراتقان ئېنقلاشلىرى داۋامىدا، قاراقاشتا دۈشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى ئورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭ بىرى ئاھالىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ بولسا، چوڭ بازار ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئوت كەتكەن جاينىڭ تەربىيەلەش مەركىزى ياكى چوڭ بازارغا تەۋە جاي ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

لېكىن، شۇ جايدىن بولغان بۇ مۇھاجىرنىڭ ئېيتىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئوت كەتتى دېيىلىۋاتقان تۈۋەت بازىرىدىكى ئۆستەڭ بويى مەسچىتى چوڭ بازارغا يېقىن جايدا ئىكەن. ئەمما قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوت ئاپىتىنىڭ بىر تەربىيەلەش مەركىزىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەر ئىككى مەيدان ئوت كېتىشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش يۈز بەرمىگەن. مەزكۇر خادىم، تەپسىلىي ئەھۋالدىن ج خ تارماقلىرىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بىز قاراقاش ناھىيە چوڭ بازاردا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قانداق جايغا ئوت كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ زادى ئۆيمۇ ياكى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەن مەسچىت ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيە «دابازا»، يەنى «چوڭ بازار» ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلىغىنى، بۇ ھەقتە خىتاي سېكرىتاردىن سورىماي جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

بۇ ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تولۇق مەلۇماتسىز ۋىدېئولۇق ئۇچۇرنىڭ ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى قاراقاشلىق ئۇيغۇرلاردا زور ئەندىشە قوزغىشىغا، قارىقشاشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشىدىن باشقا يەنە، ھەممىگە مەلۇم بولغان بىر قانچە يىل ئاۋۋالقى قاراقاش ئۆي جاھازلىرى بازىرىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە دائىرىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشتىكى پاسسىپلىقىمۇ رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تاراتقۇلاردىن خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى مەزكۇر ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن زور ئەندىشىدە قالغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئايالمۇ، قاراقاشتىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن قېرىنداشلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ ئوت ئاپىتى ھەققىدە چەتئەللەردىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى، تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقانلىقىنى، گەرچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئوت ئاپىتى ھەققىدە يەنىلا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئايالنىڭ بايان قىلىشىچە، قاراقاشتىكى ئاكا ۋە سىڭىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر ھەر تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بۇ خىل لاگېر شەكلىنى ئالغان تۈرمىلەرگە، يەنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولانغان. تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدىكى ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن، قاراقاشتىكى پارتىيە مەكتەپمۇ تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن باشقا، ئوت كەتكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتقان مەسچىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر قانچە تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، سەۋەبسىز ۋە مەجبۇرىي تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىش ھازىر تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. ئۇ يەنە يۇرتى قاراقاشنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ، دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر جاي بولغانلىقىدىن، دائىرىلەر ئەڭ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر جاي بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا تارقاتقان مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 520، 000، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 98% نى ئىگىلەيدۇ.

ئىنكاسلار ۋە بىزنىڭ دەلىللىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ قاراقاشتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ۋە مەجبۇرىي تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىشنى كۈچەيتكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 30500 نوپۇسقا ئىگە، 22 كەنتتىن تەركىب تاپقان ياۋا يېزىسىدىكى، ھەر بىر كەنتتە 2 دىن 4 كە قەدەر دىنىي ۋەزىپىدار زات بارلىقى، بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى يەنى 70 پىرسەنتكە يېقىنراقى نۆۋەتتە «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە تەربىيىلەنمەكتە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇنداقلا خوتەننىڭ قاراقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم جايلىرىدا 40 پىرسەنت ئاھالىنى «يېپىق تەربىيەلەش» ئۇقتۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئورنى، سانى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئۇچۇرلارنى سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ ھەقتە ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي، چەتئەل ئاخباراتلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان يېپىق تەبىيەلەش مەركەزلىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسېسلار گېرمانىيەسىگە خاس قاراڭغۇ ۋە سىرلىق لاگېر سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كۈچلۈك تەنقىد قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.