ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-10-23
«خىتاي مەنبەلىرىدە تۈركىستان شەھەرلىرى» دېگەن كىتاب ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ بۆلۈم تەتقىقاتچىسى كۇرشاد يىلدىرىم ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان.
2013-10-22
تەيۋەنلىك يازغۇچى خۇاڭ ۋېنشۇڭ يېقىندا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «خىتاي ئاللىقاچان تۈگەشتى» ناملىق كوللېكتىپ يېزىلغان سىياسىي ئانالىز كىتابىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
2013-10-18
پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق زىياپىتىگە بارغان ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايغان.
2013-10-18
خىتاي يازغۇچى شىپىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ تەمىنى يېقىن كەلگۈسىدە تېتىيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
2013-10-17
يېقىندا لوندوندىكى دۇرخام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ناسېرنىڭ «جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى، 1990-2012» دېگەن زور ھەجىملىك تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان.
2013-10-14
10-ئاينىڭ 12-كۈنى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاساسلىقى ياپونىيە مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى ئىشتىراك قىلغان.
2013-10-14
ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن ئومۇمى ئەھۋالىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەنگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگچە يېزىقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر كىتاب تۈزۈپ چىقىپ، نەشردىن چىقاردى.
2013-10-09
ئەنگلىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان ئايشەمگۈل ئۇزۇن مەزگىللىك ئىككىلىنىشتىن كېيىن ئاخىرى: «ۋەتەنگە قايتىپ ۋەتەنسىز ياشاشتىن، باشقا ئەلدە تۇرۇپ ۋەتىنىم ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىم ئەلا» دەپ قارار ئالغان.
2013-10-08
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاندرۇ جەيكوبنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر كەمسىتىشنىڭ ئېغىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىش بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
2013-10-07
تۈركىيەدە قەدىمىي يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش باش تېما قىلىنغان «يىپەك يولىدا تۈرۈك دۇنياسى ئورتاق مىراسى» ناملىق يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرمۇ يىپەك يولىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇدى.
2013-10-04
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا خۇددى سۇدەك ھېسابسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ۋە ۋاقتىدۇر. ئىنسان تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، ئەقىل - ھوشىنى تېپىپ بولغىچە، ئۇ تىزلا قىرانلىق چاغلىرىغا يېتىپ قالىدۇ.
2013-10-03
29-سېنتەبىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە، «مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي كىملىك» ھەققىدە لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-10-03
پروفېسسور پېما گيالپو يېقىندا ئېلان قىلغان كىتابىدا خىتاينىڭ ياپونىيەگە چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ياپونىيەلىكلەر ھوشيار تۇرمىسا، خىتاينىڭ ئۇلارنىمۇ خۇددى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى مۇستەملىكە قالىغانغا ئوخشاشلا مۇستەملىكە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2013-09-24
خىتايدا ئۆي-مۈلك باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى، پۇل پاخاللىقى، باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىشى ۋە ھەر يىلى شەھەرلەرگە قاراپ ئېقىۋاتقان ئاققۇنلار مەسىلىسىگە ئوخشاش بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
2013-09-24
ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئافغانىستان ياكى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھېچبىر جامائەت ياكى ھېچبىر تەشكىلات ئۆزلىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغانلارنى قوغداپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان شارائىتقا ئىگە ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم.