ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-03-28
گەرچە رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بۇ ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئورتاق ئىستراتېگىيىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.
2013-03-26
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيىدا «مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا «جۇڭخۇا مىللەت» ئېڭىنى كۈچەيتىش تەربىيىسى يەنىمۇ كۈچەيتىلمەكتە.
2013-03-20
ئۇيغۇر يېزىقچىلىق ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن بىر-بىرىگە قارشى ئىككى كۆز قاراشنىڭ ئاپتورلىرىدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن پىكىر ئىختىلاپلىرى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2013-03-19
ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن يېقىندا ئۇيغۇر تورلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئامېرىكىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار» يۈرۈشلۈك ماقالىلىرىنىڭ داۋامىدا «ئىللەتچىلىك ئۇيغۇر ئەپسانىسى ئامېرىكىدا» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغانلىقى مەلۇم.
2013-03-13
تۈركىيىدە چىقىدىغان «بۈگۈن» گېزىتىدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. تۈرك ئاخباراتچى ئەسرا ئۇچار خانىم ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت توغرىسىدا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.
2013-03-06
تۈركىيىدىكى ئوبزورچى سىنان ئۆزدەمىر ئەپەندى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2013-03-05
ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن 5-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە توختالدى. ئىلھام توختى سۆزىدە قۇرۇلتايدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئازلىقى مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى سىياسىي ئورنىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-03-05
«بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر كۆرپىدە، تىجارەتچى، ئەرزدار ئۇيغۇرلار تۈرمىدە» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدىكى ئالدامچىلىقى ئۈستىدە بەس-بەستە مۇنازىرە قوزغىغان ۋە مەزكۇر توربېتى شۇ كۈنى دەرھال خىتاينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.