خىتايدا ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررور تەھدىتى مەۋجۇتمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-04-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي قوراللىق كۆچلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش.
ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي قوراللىق كۆچلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش.
CCTV

يېقىنقى تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي رەۋىشتە ساقچى ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە، جۈملىدىن تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررور تەھدىتى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالدىنقى ئايدا سۈرىيەدىكى قوراللىق تېررورچىلار بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ «خىتايدا ئەمدى دەريا كەبى قان ئاققۇزىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى تورلاردا پەيدا بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات» سۈپىتىدە خىتاي باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تارقاتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي تەشۋىقاتلار دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، بۇنىڭ ئەڭ يېڭى پەللىسى 1-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ تارقىتىلىشىدا يەكۈنلەندى.

«دۇنيا سىياسىتىگە باھا» ژۇرنىلى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنى پروفېسسورى شان روبېرتسنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئىگىلىگەن. پروفېسسور شار روبېرتس بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا نېمە ئۈچۈن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق» دېگەن نام ئاستىدا باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى چىقىشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆز ۋەتىنىمىز» دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇقنى باستۇرۇش» نامىدىكى ئاتالمىش «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» بولسا ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى يارىنى تېخىمۇ ئېچىشتۇرۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشقا كۈشكۈرتمەكتە» دېگەن مەزمۇندىكى تەشۋىقات تېمىسىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلاردا ئەكس ئەتكەن ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقنىڭ ئىپادىسىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن تېررورلۇققا باغلاش، شۇنىڭدەك ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىسلام دىنىغا دائىر پائالىيەتلەرنى ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا باغلىۋېلىشتەك بىمەنىلىكنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەدبىرلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدا خەلقنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «بىخەتەرلىك مۇھىتى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا بولسا دۆلەت مېخانىزمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشىغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەرقانداق مەزمۇندىكى سىياسىي سادا بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋاللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىقى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭچە بۇ خىلدىكى «ئاچچىقىنى چىقىرىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى كۆرسىتىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭچە بۇ يەردىكى مەسىلە شۇنىڭدىكى، ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئىپادىلەشتە مۇشۇ خىلدىكى زوراۋانلىق ئۇسۇلىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنە مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن بارغانسېرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ چەتئەللەرگە چىقىپ قوراللىق ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر قاتارىدا بازارغا سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا تارىخ نۇقتىسىدىن قاتلاملار بويىچە قارىغىنىمىزدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى 1990-يىللاردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تەدرىجىي يوسۇندا بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. ئەمما ئۆتكەنكى تارىخ شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى بۇ خىلدىكى بىخەتەرلىك مۇھىتى ھېچقاچان ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغىنى تېخىمۇ جىددىيلىككە تولغان مۇھىت ۋە زورلۇق ھەرىكەتلىرى بولدى. شۇڭا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچەيتكەندە ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ، دەپ دەپ ئىشەنچ قىلىشنىڭ ھېچقانچە ئاساسى يوق. بۇنىڭدىن پەقەت تېخىمۇ جىددىي بولغان مۇھىت ۋە تېخىمۇ يۈكسەلگەن زورلۇقتىن باشقا نەرسە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.»

بۇ مەسىلە ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز پىكرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، خىتاينىڭ ھازىر خەلقئارادىكى ئومۇمى ۋەزىيەت ھەمدە سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە خىتاي «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەربىي ۋە ساقچى قوشۇنىنى زورايتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قورققاق سېلىشنىمۇ مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي قورقۇنچ پەيدا قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ھەققىدە پروفېسسور شان روبېرتىس ئۆزىنىڭ تولىمۇ گۇماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭچە مەسىلىنى بۇ خىل يوسۇندا ھەل قىلىش تولىمۇ ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇنىڭدا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ‹ساقچى دۆلىتى› قۇرۇلۇشىنىڭ توختاۋسىز يۈكسىلىشى ئارقىسىدا غايەت زور دەرىجىدىكى بىر ئىجتىمائىي قورقۇنچنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇق. ئەمما مېنىڭچە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا قورقۇنچ پەيدا قىلىش مەزكۇر رايون دائىرىسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىددىيلىكنى يۇمشىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئەمەس. بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھالبۇكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى كۆپەيتىشى ھەققىدە پىكىر قىلغان قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ «ئۇياقتىن شەپە بېرىپ بۇياقتىن ھۇجۇم قىلىش» دېگەندەك شەكىلدە ئۆزلىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ-بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا ئەسكەر كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە «تېررورلۇق» ئاتالغۇسى بىلەن «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» پەرقلىق بولغان چۈشەنچىلەر بولۇپ، بۇلار ھازىر خىتايدا ھەرقاچان ئارىلاش قوللىنىلماقتا ئىكەن. ئەمما «تېررورلۇق» نىڭ ھازىرقى خەلقئارا ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ باھالاش تولىمۇ گۇمانلىق، شۇنداقلا چەك باسمايدىغان يەكۈن ئىكەن. گەرچە مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدە جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ھەممە بىلىدىغان پاكىت بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق ماھارەتلىرىنى مەشىق قىلىش» دېگەندىن كۆرە «دائىملىق جەڭ ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىپ قالغانلىق» دېيىش توغرىراق بولىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ناۋادا سۈرىيەدىكى ئاشۇ ئۇيغۇرلار راستىنىلا ئۆزلىرى دېگەندەك خىتايغا قايتىپ كېلىپ خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىسا ئۇ ھالدا ئۇلارنى «تېررورچىلار» دېيىش ياكى «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» دەپ ئاتاش تەبىئىي يوسۇندا ھەرقايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز غايىسى ئاساسىدىكى سىياسىي سوئاللار بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت