«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.10.27
turk-dunyasi-barish-adibelli.JPG كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى(سولدىن بىرىنچى) ئەپەندى «خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. 2014-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرى، تارىخچىلار، تۈركولوگلار ۋە سىياسەتشۇناسلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى « 21-ئەسىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى» مۇدىرى پروفېسسور ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى قىلدى. ئۇ، ئېچىلىش نۇتقىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن مىللەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم تۈركىي مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشى توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن تۈركىيە مەلىكشاھ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شاتلىق ئامانوۋ، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ، دوكلاتىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما 2009-يىلى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا قوشقا شتاتلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىككى جەھەتتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بىرىنچىسى تەبىئىي بايلىقلار، ئىككىنچىسى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۈكسىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش بولۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش بولۇشىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەيتكەن ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ دوكلاتىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتىدە بىر پۈتۈنلۈك يوقلۇقىنى، ئوخشىمايدىغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان سەۋىيەدە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور ئاسەم نائۇشابايېۋا ھەكىموغلۇ خانىم «رۇسىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى «خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى»، ئەنقەرە باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور يەلدا دەمىراغ خانىم «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم سىياسىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ھەتتا قاتتىق باستۇرۇش نامى ئاستىدا دولقۇن قوزغىتىپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى؛ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. خىتاي خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇردى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتايغا پايدا ئېلىپ كەلدى.» دېدى.

ئۇ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«11-سېنتەبىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش، يەنى يوقىتىش بولدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۇرسەت ئەمەس ئەكسىچە بىر تراگېدىيە بولدى. شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش بولغان ئافغانىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چەتئەلگە قېچىش يولى ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي بۇ چېگرالىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولدى.»

دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا 1996-يىلى ئاساسىي سېلىنغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدە كورېيە بىلەن ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان بەزى گېزىتلەردە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سامان ئوتىدەك بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، كېلەچىكى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى. ئەمما 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن خىتاي باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كۈچلەندۈردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى تېررورىست دەپ يازدى.

قىسقىسى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي ئۈچۈن پۇرسەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپەت ئېلىپ كەلدى. سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچ مەسىلىسى بولۇشتىن چىقىپ خەلقئارا مەسىلىسىگە ئايلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينىدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ ئاماسيا شەھىرىدە چاقىرىلغان 2 كۈن داۋاملاشقان «11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا، 15 مۇتەخەسسىس دوكلات سۇندى، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى، تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.