تاكاشى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى

رىياسەتچىنىڭ سۆزى: ياپونىيىدە تونۇلغان ئاتاقلىق خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسى تاكاشى ئەپەندىنىڭ يېقىندا «دۇنيانىڭ زېمىن مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابتا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا ئايرىم توختالغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.12.17
qehriman-anilar-takashi-kitabida-305.jpg 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى قوراللىق ساقچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچى ئانىلار. «دۇنيانىڭ زېمىن مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان
RFA/Qutluq

ئاپتور ماقالىسىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى قەھرىمان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى، ئۈرۈمچىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ سۈرەتلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى سېلىشتۇرما ستاتىستىكا جەدۋىلى قاتارلىقلار بىرلىكتە بېرىلگەن. ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ياپونىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئاڭلىتىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى كۆرسەتمىسى. «دۇنيانىڭ زېمىن مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى كۆرسەتمىسى. «دۇنيانىڭ زېمىن مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان
RFA/Qutluq

تاكاشى ئەپەندى ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا تارىختا ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، جاھان سوراپ كەلگەن تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكى، مىلادى 750-يىلىدىن باشلاپلا ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ بولغانلىقىنى، 1759-يىلى چىڭ سۇلاسى بۇ زېمىننى خىتاي زېمىنىغا قوشۇۋالغىچە بولغان ئارىلىقلاردا ئۆز دۆلەتلىرىگە ئۆزى خوجا بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور، «ئۇيغۇرلار 1933-، 1944-يىللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئەمما، سابىق سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر-خىل سىياسىي كېلىشىم،تۈپەيلىدىن ئىككى جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان» دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلى كومپارتىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن بېرى تۈرلۈك مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ۋەتەن قۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقان كۈرەشچان مىللەت ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون نامى بىلەن قۇرۇلغان ئاپتونوم رايون پەقەتلا يالغان ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەتتۇر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونوم رايونغا خاس ھېچقانداق سىياسەت يوق.1955-يىلىدىكى خىتاينىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇس پىرسەنتى 6.1%, باشقا مىللەتلەر 19.2%, ئۇيغۇرلار 74.7% ئىدى. لېكىن، 2007-يىلىغا كەلگەندە خىتايلار 41%,uyghurlar 45%, باشقا مىللەتلەر 14% بولدى. 55 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ نوپۇسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېز سۈرەتتە ئېشىپ باردى.»

تاكاشىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى بولغان، ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان دوكتور تۇرمۇھەممەت مەزكۇر ماقالە ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئاتوم سىناقلىرىنى 46 قېتىم ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تاكاشى ماقالىسىدە، «1991-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا-ئاسىيادا كۆپلىگەن مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ‘ئەزەلدىن دۆلەت قۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام ۋە جاسارەت ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان. خىتاي كومپارتىيىسىمۇ بۇ بايلىققا تولغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالغۇچە تېزدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىڭ كويىدا، يالغاندىن غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى قانۇنلۇق ۋە ياكى قانۇنسىز بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر-ئاستى بايلىقلىرىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇلاشقا كىرىشكەن. نېفىت بۇلاش ھەرىكىتى باشلانغان. خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى خىتاي پۇقرالىرىنى باي قىلدى. ئۇيغۇرلارنى بولسا تېخىمۇ نامراتلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قۇل قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئادالەتسىزلىكلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھەرىكىتىنىڭ سۈرىتىنى تېزلەتمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمغا باغلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ قارايدۇ. خەلقئاراغا شۇنداق دەپ تەشۋىق قىلىپ ئۆزلىرىنى تېررورىزمنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بەرمىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىتالىيىدە تەرەققىي قىلغان 8 دۆلەت يىغىنىغا سىرتتىن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىن مەيدانىدىن تېزلا غايىب بولدى. ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇردى.»

ئاپتور ماقالىسىدە يېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىۋاتقان، خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان، شۇنداقلا خەلقارالىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئەنسىرەپ ھەمىشە ئۇيغۇرلارنى ھەربىي، ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بەك ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، بەلكىم تېز ئارىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە ھەممىدىن بالدۇر باش قاتۇرۇشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى مۈمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مۇتەخەسسىس تاكاشى ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
«خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ۋاقىتلىق باستۇرغان بىلەن مانا ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئەمدىلىكتە يېڭى ھۆكۈمەتنى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئوبدان ئويلىنىشقا، تىنچلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا، تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.