ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى توقۇنۇشلار ۋە «ئىككىنچى پەلەستىن» چۈشەنچىسى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.08.29
Xelqqe-qolayliq-saqchi-ponkit.jpg «خەلققە قۇلايلىق» ساقچى پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە قاراۋۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى. 2017-يىلى ئاۋغۇست. (cpj.org توربېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرلۈك ھادىسىلەر رايون مىقياسىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سەلبىي يۈزلىنىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللىي زىددىيەت ھەمدە سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى بولسا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنىڭ زورىيىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولماقتا. بۇ ھالنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئويغا سېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ پەلەستىنگە ئوخشاش توقۇنۇش ماكانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەلەستىن ھەمدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسسىسلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەدبىرلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ تۈپ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان زورلۇق ھەمدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى سىياسىي جەھەتتە ھوقۇقسىز، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يەكلەنگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئىشىكلەر تاقالغان ھالدىكى ئۈمىدسىزلىك روھىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنكاسى، دەپ خۇلاسىلىگەن ئىدى. يەنە بەزىلەر بولسا، بۇ خىل قارشىلىقلار ھەققىدە پىكىر قىلىپ، خىتاينىڭ زۇلۇم خاراكتېرلىك سىياسىتى ئاشقانسېرى ئۇيغۇرلاردىكى ياشلاردىن ھايات قېلىشتىن كۆرە ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاشىدۇ، بۇ بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىككىنچى پەلەستىنگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم باسقۇچ، دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. ئەمما، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ھەققىدە بىۋاسىتە ساۋاتقا ئىگە بولغان بەزى زىيالىيلار بولسا، بۇ ئىككى رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەردىكى بەزى تۈپلۈك پەرقلەر ھەققىدە توختىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاي يازغۇچىلىرىدىن تاڭ دەنخۇڭ يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋ شەھىرىدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىسرائىلىيە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەر بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلەرگە قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى پەرقى بەكمۇ روشەن كۆزگە چېلىقىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مەن شەخسەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ باقمىغان، ئەمما تىبەتكە كۆپ قېتىم بارغان ئىدىم. شۇڭا مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىكى بىلىمىم ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەكس ئەتكەن مەلۇماتلار ئاساسىدا توپلانغان. شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۆزۈم ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى سېلىشتۇرسام، بۇ جەھەتتىكى پەرقنى بەكمۇ زور دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىدىكى دىنىي ئېتىقاد، سايلام، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرۇش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىدە ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان كىشىنىڭ ئەرەب ياكى يەھۇدىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باياتىن تىلغا ئالغان ئاساسلىق ھوقۇقلىرى قانۇن تەرىپىدىن ھەقىقىي يوسۇندا قوغدىلىدۇ ھەمدە كاپالەتكە ئېگە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىدىكى ئەرەب مىللىتىنىڭ بۇ ھوقۇقلاردىن ئەنسىرىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.»

تاڭ دەنخۇڭنىڭ پىكرىچە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى پەرقىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۇلارنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب قىلىنسا، بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ھادىسە بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭچە، ئىسرائىلىيە بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئاددىي ۋە ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مەسىلەن ئالايلۇق، ئىسرائىلىيە دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسىنىڭ 17.5% نى ئىگىلەيدۇ. بۇنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق مېنىڭچە بەك چوڭ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىسرائىلىيەدىكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە. يەنى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپلەردە ئومۇمىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا، ئەگەر خالىسا مۇسۇلمانچە مەكتەپلەردە مائارىپ تەربىيىسى ئالسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. مېنىڭچە، شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.»

يازغۇچى تاڭ دەنخۇڭنى بۇ جەھەتتە ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغان ھادىسە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ساقال-بۇرۇتلىرى ھەققىدىكى چەكلىمىلەر بولغان. ئۇنىڭچە بۇ مەسىلىلەر پۈتۈنلەي شەخسىينىڭ تاللىشى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلارغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشىنى پۈتۈنلەي بىمەنىلىك دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە كىيىم-كېچەك ئەركىنلىكىگە ئىگە. يەنى ياغلىق ياكى رومال سالامدۇ ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن دىنىي لىباسلىرىنى كىيەمدۇ ھېچكىمنىڭ بۇنىڭ بىلەن چاتىقى يوق. يەنە ئۇلار خالىغان جايدا ياكى ھەرقانداق ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ. شەخسەن مەن تېل ئاۋىۋنىڭ دېڭىز بويلىرىدا ياكى تېز سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرگەنمەن. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ياكى مەسچىتلەردىكى دىنىي ئېتىقاد ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئارىلىشىمەن دەپمۇ ئارىلىشالمايدۇ. چۈنكى، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ سانى خېلى بار. شۇڭا دىنغا ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى ھەرقاچان تولىمۇ نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، يەنە كېلىپ پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقادقا چەكلىمە قويۇشىنى ئومۇمەن قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت قانۇنىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ تۆت خوتۇن ئېلىشىغا قانۇن يول قويىدۇ.»

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش تەدبىرلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىل سىياسىتىنى سېلىشتۇرغان تاڭ دەنخۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرىنى «يولسىزلىق ۋە مۇتتەھەملىك» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«تىل ئەركىنلىكى جەھەتتىن ئالساق، ئەرەب تىلى ئىسرائىلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئانا تىلى، يەنە كېلىپ ئىسرائىلىيەدە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا قوللىنىدىغان رەسمىي تىللارنىڭ بىرى. مېنىڭچە، بۇ ئەھۋالنى شەرقىي تۈركىستان ياكى تىبەت رايونىدا خىتاي تىلىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلىشى ھەمدە يەرلىك تىللارنىڭ ئىككىنچى تىلغا ئايلىنىپ قېلىشى ياكى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئىسرائىلىيەدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە قانۇن ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ. ھەتتا ئەڭ ئوڭچىل بولغان ئادەممۇ ئىسرائىلىيەدە بۇ خىلدىكى دىنىي ياكى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى ۋە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر تەدبىر قوللىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم-كېچەك، تىل-يېزىق ئەركىنلىكىگە قول تىقىشىنى قوللاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بىرەر مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاشقىمۇ بولمايدۇ، ئومۇمەن بۇنداق ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا بۇ يەردە يول قويۇلمايدۇ.»

تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدىن يېتىلىپ چىققان ئاكتىپ تور يازغۇچىسى، ئامېرىكىدىكى جورجىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە پەنلىرى ئاسپىرانتى سۇلايمان يىگۇ (Sulaiman Yigu) بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭچە، ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن پەلەستىن توغرىلىق سۆز قىلىش توغرا كەلسە، بەزى ئوخشاشلىقلارنى ۋە پەرقلەرنى ئالاھىدە تەكىتلەش توغرا كېلىدۇ. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى:
«پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىردەك ئۆزلىرى تاجاۋۇزچى ۋە ئىشغالچى كۈچلەر، دەپ قاراۋاتقانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئۇلار ئۇرۇش جاراھەتلىرى، ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش، مىللىي ئۆچمەنلىك قاتارلىقلاردىمۇ ئورتاقلىققا ئىگە. دەرۋەقە مەزمۇنىنىڭ قانچىلىك تىرەن ۋە كەڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىسرائىلىيەدە دېموكراتىيە ئاساسىدىكى ئاساسىي قانۇن مەۋجۇت. بۇ ئاساسىي قانۇن پەلەستىنلىكلەرنى دىنىي ئېتىقادىنى داۋام ئەتتۈرۈشكە، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا، سۆز قىلىش، نامايىش قىلىش ۋە سايلامغا بېلەت تاشلاش دېگەنلەرگە ئىشتىراك قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان. ھالبۇكى، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بېسىپ ياتقان شەرقىي تۈركىستاندا بولسا بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان زۇلۇم ۋە قاباھەت ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە ئاخباراتچىلار تۇتقۇن قىلىنماقتا. ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر بولسا خۇداغا سېغىنىپ تۇرۇپ، زالىم ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ھازىر ھوقۇقسىز پۇقرالاردۇر. ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە مەسچىتلىرى قاتتىق نازارەت ئاستىدا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، زۇلۇم ئالدىدا ئۈمىدسىز ۋە مۇداپىئەسىز ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە.»

ئەمما، ئۇنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدۇرغىنى، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە ھامان بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئەمما سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋالى پەلەستىندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بولسا تاشقى دۇنيانىڭ كۆپ نەرسە بىلمەسلىكى بولغان. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلىشتىكى «بىخەتەرلىك» چۈشەنچىسى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما باشقا جايلار ھەققىدە بولسا ئۇلار ھەممىدىن خەۋەردار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىلمۇ-خىل سۈزگۈچلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى ئارقىسىدا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىنسانلار خىتايلار كۆتۈرۈپ چىققان بۇ ‹سەمىمىي› مەنزىرىگە ئىشىنىدۇ: بۇ كۆرۈنۈشتە خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۆلگۈنچى ۋە تېررورچىلارنى يوقاتماقتا. ئەمما ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بولسا، ۋىجدان نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. مەن بىر دوستۇمنى مىسال ئالسام، ئۇ ھەرقاچان پەلەستىندىكى چەتئەل تاجاۋۇزى ھەققىدە غەزەپ بىلەن سۆزلەيدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى بولسا ‹زۆرۈر تەدبىرلەر› دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇ سىياسەتلەر ۋە چەكلىمىلەرنى ئۇنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىققان. يەنى ئۇ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەشنىڭ خەتەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭ ئۆزىگە بالايىئاپەت بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. دىققەت قىلسام، ئۇ دوستۇم گەرچە ناھايىتى بىخەتەر بولغان بىر مەملىكەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ ئاللىقاچان غايىب بولغان ئىكەن.»

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بولغان بىر قىسىم چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىككىنچى پەلەستىن بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە باشقىچە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.