خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.02.17
urumchi-herbiy-basturush-2013.jpg خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرگۈزگەن برونېۋىكلىرى. 2013-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرمۇ خەلقئارا ئاخباراتلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا ئامېرىكىدىكى جېيمىستاۋن فوندى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاقىۋەتلەر مۇلاھىزە قىلىنغان. ماقالە ئاپتورى ۋىللىيام لام مۇلاھىزىسىدە، چېن چۈەنگو يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا پارتكوم رەئىسى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم. بۇ ۋەزىيەت چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا نۇرغۇن مۇلاھىزىلەرنى كۆرۈش مۇمكىن. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى يېقىندا، ئامېرىكىدىكى «جەيمىس توۋن فوندى» تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە تەتقىقاتچى ۋىللىيام لام تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلىغان : «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىش ياكى ئورتاق بولۇش دېگەن باھانە بىلەن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان 10 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق باستۇردى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ سىياسىتى يۇمشاق ۋە ماسلىشىشچان قىياپىتى بىلەن تونۇلىدىغان جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا چېن چۈەنگونىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىماي يۈز بېرىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زالىم تاكتىكىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت نىشانغا يەتكىلى بولارمۇ، دەيدىغان سوئالنى پەيدا قىلدى.»

ئاپتور ۋىللىيام ماقالىسى داۋامىدا، چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش نامىدا يولغا قويغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئالغان ۋە «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ھەربىر قىسمىغىچە بېسىم پەيدا قىلىدىغان ساقچى دۆلىتى سېستىمىسىنى ئەڭ ئاخىرىقى نۇقتىسىغىچە ئىجرا قىلدى» دېگەن ۋە بۇنىڭغا چېن چۈەنگو تەرىپىدىن باشلىتىلغان پاسپورت يىغىۋېلىش، لازىم بولغاندا ساقچىخانىدىن رۇخسەت سوراپ بېرىپ ئېلىۋالىدىغان سىياسەتنى ۋە ھەتتا سېتىلىدىغان پىچاقلارغىمۇ سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئويۇپ، تىزىملاپ ساتىدىغان ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا تېرررولۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش «خەلق ئۇرۇشى» نى باشلاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدىمۇ سىناق قىلىنغان يەنى نەچچە مىڭلىغان بېيجىڭلىقلار كوچىلاردا ئامانلىق ساقلاشقا، چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ئەينى چاغدىمۇ خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا «خەلق ئۇرۇشى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ تا ماۋ دەۋرىدىن تارتىپ ياپون ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا قوللىنىلغانلىقىنى، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەنە شۇنداق دۈشمەن مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى ۋىللىيام لام ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ساقچىلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەر ئۈچۈن 400 مىليون سوم پۇل ئاجرىتىپ، يۇقىرى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوشۇمچە ئىشپىيونلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، يېزىلاردىمۇ يېزا ساقچىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنى ھەرجەھەتتىن بېىسم ۋە قامال ئاستىغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە مانا بۇ نۇقتىغا دىققەت تارتىپ «چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ مانا مۇشۇنداق قاتتىق كونترول سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زوراۋانلىق تېررور ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى داۋام قىلدى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كەڭ تارقىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە» دېگەن. ئۇ مانا بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ «دېمەك، چېن چۈەنگونىڭ تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنى چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان ساقچى دۆلىتى سېستىمىسىى مەغلۇپ بولدى» دېگەن ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتى پەقەت ۋە پەقەت قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە، بېسىمدىن بىر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىسپاتلىنىپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقىنى قوبۇل قىلماي، ئوخشاش ۋاستىنى قوللىنىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھامىنى بىر كۈنى بۇ رىياللىق بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەتىقاتچى ۋىللىيام لاممۇ ئۆز ماقالىسىدە، نۇرغۇن مۇتەخەسسسىلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن خىتاي ئىچىدىكى مۇستەقىل خىتاي زىيالىيلىرىنىڭمۇ بېسىم ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا تىنچلىق پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدا دىئالوگ قىلماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسى ئىچىدىكى ياشراق بىر ئەۋلاد كىشىلىرى بىلەن دىئالوگ شەكىللەندۈرمەي تۇرۇپ مۇقىملىق پەيدا بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما چېن چۈەنگونىڭ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا بۇنداق بىر دىئالوگ ئىمكانىنىڭمۇ تارىخقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان.

دەرۋەقە، ئىلگىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسونمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىۋاتقان سېگنالى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئىنتايىن تىنچلىقپەرۋەر بىرىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى دىئالوگ بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدى بولغانلارغا ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ، دىئالوگنى ئۇنتۇپ كەت، مەيلى تىنچلىقپەرۋەر بولامسەن، قانداقلا بولۇشىڭدىن قەتئىينەزەر، مەن سەن بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزمەيمەن دېگەن سېگنالنى بەردى. مەنچە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.