چەتئەل ئانالىزچىلىرى: ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا نەزەر (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-03-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قەسەمياد يىغىنىدا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قەسەمياد يىغىنىدا
Tengritagh Tori


ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق خاراكتېرىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن داۋاملىق مەلۇم بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھادىسىلەر خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە كەڭ يەر ئېلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يېڭىدىن جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ساھەسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەل ئانالىزچىلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق خاراكتېرىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ۋە ئوبزورلار يېزىلىپ، خەلقئارا جامەئەتنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار دىيارىغا تىكىلدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتايدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئىناق جەمئىيەت» ۋە «قوشماق تۇغقان» سىياسەتلىرىنىڭ قانچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، «مۇقىملىق» ۋەزىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىر ئوچۇم تېررورچى» كۈچلەرنىڭ «خەلق ئۇرۇشى دولقۇنىدا كۈكۈم-تالقان» بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەتلەر بېرىلدى.

ھالبۇكى دۇنيا ئۇچۇرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىق ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ كۆزىدىن چەتتە قالمىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان جىددىيچىلىكنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۆتكەن ئاتمىش يىلدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى، خۇددى سىزگە ياخشى مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، بۇ رايوننى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ. بۇ رايوننى مۇستەملىكىلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىلا باشلانغان ھەمدە 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى رەسمىي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بىر بالداق يۈكسەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان بىز بۇ خىلدىكى سىياسىي كونتروللۇقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان بىر قاتار چارە-تەدبىرلەرگە شاھىت بولدۇق. بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى "بىڭتۇەن" دېگەن نامدا غايەت زور ساندىكى خىتايلار بۇ جايغا ماكانلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ھۇل مۇئەسسەسەلەر تاماملىنىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا چەمبەرچەس باغلاپ قويۇلدى. بۇ ھالەتتە 2009-يىلىدىن كېيىن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى: خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماستىن، بۇ رايوندا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نازارەت ۋە ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەنى بىلىپ تۇرالايدىغان، ھەرقانداق مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى شۇ ھامان يىلتىزىغا قەدەر قېزىپ چىقالايدىغان دەرىجىگە يەتتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋە قۇلاقلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلىدى. دەرۋەقە بۇ خىلدىكى نازارەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شۈبھىسىزكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان، خالاس.»

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەبنىڭ، خىتاي دۆلىتىدىكى بىر تەرەپلىمە ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئاساس قىلغان خاتا سىياسەتلەرنىڭ «ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك» بىر ۋەزىيەتكە زېمىن ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇنىڭدا بىرنەچچە ئامىل بىرلىشىپ رول ئوينىغان. ئەڭ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندىكى جىددىيچىلىكنى ھەل قىلىشتا قوللانغان تىرىشچانلىق، راستىنى ئېيتقاندا بۇيەردىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋەتتى. بۇنىڭغا بىرنەچچە چوڭ مىسالنى كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر رايوندىكى زورلۇق كۈچ شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان قارشىلىقلارنىڭ ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولغان ئىسلام دىنىدىن ئىزلەشتە تەرسالارچە چىڭ تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى يىمىرىپ تاشلاپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسماقچى بولدى ھەمدە بۇنىڭغا غايەت زور كۈچ سەرپ قىلدى. مەنچە بۇ ھال مەزكۇر رايوندىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋەتتى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى مۇشۇ خىل قاراش تۈپەيلىدىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار «ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىدىغان بىرەر ئىشنى قىلمىغان بولسىمۇ، ھەدېسىلا ھېچنىمىدىن ھېچنېمە يوق ئەسەبىيلىك قالپىقىنى كىيىپ قېلىشقا باشلىدى. يەنە كېلىپ ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنسىتىك پارتىيەنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت بىردەك «ئەسەبىيلىك» كە باراۋەر قىلىپ قويۇلدى.»

ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلەر ۋە بۇنىڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا پالتا-پىچاق دېگەندەك ئاددىي قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۈزلۈكسىز تۇردە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەربىي ۋە ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلار بېرىلدى. بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ھەربىيلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەسەمياد يىغىنى» ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە جېيمىس لېيبولد مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق زور كۆلەملىك ھەربىي پاراتنى ئەڭ توغرىسى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى مالىمانچىلىقىدىن بۇيان بۇنداق ھالەتنى ھېچكىم كۆرمىگەن دېسەكمۇ بولىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن ئىلگىرىمۇ بۇنداق زور كۆلەملىك ھەربىي پارات بولۇپ باققان ئەمەس. نامدا بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقە، يەنى دېكابىردىكى بىر ۋەقە ۋە فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرىدىكى يەنە بىر ۋەقە سەۋەب بولدى. ئەمما بۇلار ئۇنچىۋالا زور بىر ۋەقەمۇ ئەمەس ئىدى، يەنى كېلىپ ئالدىن تەشكىللەنگەن پىلانلىق بىر زور كۆتىرىلىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنى جېنىدىن تويغان بىرنەچچە كىشىنىڭ جان ئاچچىقىدا قىلىپ سالغان ئىشى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇنى 2009-يىلىدىكى ياكى 2013-، 2014-يىللىرى يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك ۋەقەلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەنمۇ كىچىك بىر ھادىسە ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بۇ جايدا شۇنچە ھەشەم بىلەن بۇنچە چوڭ ھەربىي پارات قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدا "سىياسىي ئويۇن" كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە، ئوخشاش بولمىغان سىگناللارنى يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان.»

بىز ئۇنىڭدىن، قانداق باشقىچە سىگناللارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ سىگنالنى ئىككى بىسلىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ: بىرى، بۇ سىگنال شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان. بۇنىڭدا "خىتايلار شىنجاڭنى سوراۋاتىدۇ، بىخەتەرلىك بىزنىڭ باش نىشانىمىز، ئەگەر سىز خىتاي بولسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇيغۇر بولسىڭىز، شۇ نەرسە يادىڭىزدا بولسۇنكى، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيلىك ياكى پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆرسىتىلگەن قارشىلىق يەنچىپ تاشلىنىدۇ" دېمەكچى. ئىككىنچى تۈرلۈك سىگنال بولسا بېيجىڭغا، جۇڭنەنخەيدىكى رەھبەرلىك گۇرۇھىغا يوللىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ "چېن چۇەنگو گەرچە تېگى تەكتىدىن ئالغاندا خۇ جىنتاۋ گۇرۇھىغا، يەنى «ياشلار ئىتتىپاقى» مەزھىپىگە تەۋە كىشى بولسىمۇ، ئۇ شى جىنپىڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تولۇق كونترول قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ تىبەتتە زور ئەجىر سىڭدۈرگەن، ھازىر شىنجاڭدا خىزمەتنى جايىدا ئورۇنلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ قەدەر مېھنەتلىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇنى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى قىلىش لازىم" دېگەننى بىلدۈرمەكچى.»

بىز، بۇ خىلدىكى جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي مۇھىتقا كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ سەلبىي تەسىرى نېمە بولۇشى مۇمكىن، دەپ سورىغىنىمىزدا، پروفېسسور شان روبېرتس بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قارشىلىق ھەرىكىتىنى داۋام ئەتتۈرۈشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، ھازىر بۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارا بولغانلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئىسلام جىھادچىلىرى» سېپىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مانا مۇشۇ تەرىقىدە مەسىلىلەر ئېغىرلاپ مېڭىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ۋەتەننى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق بەزى قوراللىق گۇرۇھلارغا قوشۇلۇشقا باشلىدى. ھازىر بولسا بۇلارنىڭ بىر قىسمى سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياكى بىر قىسمى ئەل-يۇرتنى تاشلاپ چىققان ۋاقىتلىرىدىلا مۇشۇنداق نىيەتكە كەلگەن، دېيىشكە تولۇق ئاساسىمىز يوق بولسىمۇ، ئۇلار چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىنكى يۇرتىدىكى جىددىيلەشكەن سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇ خىلدىكى قوراللىق كۈرەشكە ئىشتىراك قىلىشنى بىر تۈرلۈك تاللاش قىلىۋالغان بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.»

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت تولىمۇ جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، سۈرىيەدىكى د ئا ئى ش تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار تېررورچىلار گۇرۇھىغا مەنسۇپ بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا جەڭ ئېلان قىلغان سىن ماتېرىياللىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «تېررورلۇققا قارشى ئۈزۈل-كېسىل جەڭ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.


پىكىرلەر (1)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ئانالىزچىلارنىڭ كۆزى كورمىدۇر؟ نېمىشكە خىتاينىڭ ئەسلى مەخسىدى ھەققىدە ھىچ گەپ يوق؟ ئۇ قەدەر زور ھەربىي كۈچنى پەقەتلا ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ (قولىدا پىچاقمۇ بولمىغان ئۇيغۇرلاردىن!) توپلاۋاتىدۇ دېمەك نەقەدەر نادانلىق!

Mar 12, 2017 12:56 PM

تولۇق بەت