خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.10.09
soda-setiq-merkizi-saqchi-tekshurush-charlash.jpg مەلۇم سودا مەركىزى ئەتراپىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى 18-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلماقچى. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن زىيالىيلىرى ئارىسىدا 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. ئۇنداقتا، نۆۋەتتە «ساقچى دۆلىتى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاي ۋەزىيىتىدە قانداق بىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا.

بولۇپمۇ بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن چېن چۈئەنگو كەلگەندىن كېيىن، «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ بارغانچە رادىكاللىشىشى، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مەزكۇر قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان نۆۋەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىدە مەلۇم يۇمشاش بولۇشىغا قارىتا ئۈمىد ۋە ئارزۇنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيو-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شا مىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە تارىختىكى ئەڭ رادىكاللاشقان باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، دەپ تەرىپلىدى.

شا مىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى ناتايىن. مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش سىياسىتىگە ئۆزگەردى. ئالايلۇق، چوڭ مۇھىتتىن ئېلىپ ئېيتساق، بۇ باستۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. كونكرېت ئەھۋاللارنى ئالساق، خەۋەرلەردە دېيىلگىنىدەك ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشلەش، ساياھەت قىلىش، سەپەر ئەركىنلىكىمۇ چەكلەندى. ئۇيغۇرلار ئىدىيە ئۆزگەرتىش نامىدا ئاتالمىش ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە قامىۋېلىنىپ، ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىندى.»

شا مىڭ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىدە قاتتىق قول باستۇرۇش بىلەن تونۇلغان چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىشىدىكى سەۋەب ۋە خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىماللىقى بار يوقلۇقى ھەققىدە توختىلىپ: «19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ قارايدۇ،» دېدى.

شا مىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «چېن چۈەنگو يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشى بويىچە بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى قوللىمىغان بولسا چېن چۈەنگومۇ ئۆز ئالدىغا بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزەلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى شىنجاڭ ۋە تىبەتكە تەيىنلىگەن ئەمەلدارلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلغان. شۇڭا مەلۇم ئەمەلدارنىڭ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغان ئاقىۋەتكە قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ ئەمەس. كۆزىتىشىمچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى تىبەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇشتا نامى چىققان چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېلىشىنىڭ ئۆزىلا شىنجاڭنى ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم بىلەن باشقۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇڭا مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ بۇ قەدەر كۈچەيتىلىشىدىكى سەۋەب نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۆزىگە كېلىدىغان تەھدىتنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەردىن كېلىدۇ، دېگەن ئەندىشىسىدىن بولۇۋاتىدۇ.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردا خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىتىدە مەلۇم يۇمشاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خاھىشنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا «تېررورلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» لەرگە زەربە بېرىش ناملىرىدا ھەرىكەت شەكلىدە داۋاملىشىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتى مەيلى خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردا بولسۇن، ياكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا بولسۇن، خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاي سىياسىتىدە يۇمشاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدا ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، قاتتىق قول سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق قىلىۋاتقان بېسىم ۋە قامال سىياسىتىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.