خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانى ئىشقا ئاشامدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.02.21
uyghur-xitay-toylishish.jpg ئاينۇرگۈل بىلەن تيەن چاڭشىڭنىڭ توي مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىش تەشۋىقات دولقۇنىنى يەنە كۈچەيتمەكتە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر جايىدا «ئاينۇرگۇل بىلەن تيەن چاڭشىڭ (قەيسەرجان)نىڭ نىكاھ تويىغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان بىر توي مۇراسىمى ھەققىدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىر سۈرەتلىك خەۋىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭرى تارقالدى، شۇنداقلا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئاز ساندا كۆرۈلىدىغان تويلىشىش ھادىسىسىنى پەردازلاپ: «ۋەتەنپەرۋەرلىك، پارتىيەنى سۆيۈش ۋە ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكنىڭ بەلگىسى» دەپ كۆرسەتمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بولسا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يات ئېتىقاد، يات دىن، يات بولغان مەدەنىيەتكە تېڭىش خاھىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىدىن باشقا، خىتاي نوپۇسىدىكى ئەر‏-ئايال جىنسى نىسبەت پەرقىدىكى زور تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىش غەرىزى بار» دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە.

خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت. يەنى خىتاي دائىرىلىرى بىر قانچە يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ 2014-يىلى 2-سېنتەبىر، «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە دىنلار» تورىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى لى شاۋشا يازغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشنى تەكشۈرۈشتىن تەھلىل»ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت، ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزىلىرىدا ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش سانى بىرقەدەر ئاز، 2000-يىلى 5-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۇۋەن بولۇپ 1.05% بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 0.996% نى، ئاياللار 0.994% نى ئىگىلىگەن» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ھۆكۈمەت يېقىنقى ئىككى يىلدا، خىتاي، ئۇيغۇر توي قىلغان بۇنداق ئائىلىلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «ئۈلگىلىك ئائىلە» دەپ ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا، ھەتتا ئۇلارنى تۇغقانلاشتۇرۇپ مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئاشكارىلىنىشىچە چېن چۈەنگو تىبەتتە پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغاندا خىتايلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ توي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سىياسەتلەرنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان ۋە نەتىجە كۆرگەن ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن، تىبەتتە قوللانغان بىر قىسىم سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ياكى مىللەت ھالقىغان تويلىشىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇ خىل ئائىلىلەرنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىلگىرى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىنى تىبەتلىكلەر تەشكىل قىلىدىغان تىبەت رايونىدا خىتايلار بىلەن يەرلىكلەرنىڭ تويلىشىش ئىشىدا بەلگىلىك ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، 2008-يىلىدىكى 666 جۈپتىن 2013-يىلىغا كەلگەندە 4795 جۈپكە يۈكسەلگەن ئىكەن.

ئەمما، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق بولسىمۇ، يېقىندا بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن چۈەنگو بۇ يىلنىڭ بېشىدا دىنىي ساھەدىكىلەرگە ئاشقان يىغىندا «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن ھەمدە دىنىي ساھەدىكىلەردىن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئىككى مىللەتنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق خىزمەت قاتارىدا تۇتۇشنى تەكىتلىگەن ھەتتا مەسچىتلەردىكى ۋەز ۋە تىلاۋەتلەرمۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان.

بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بىلەن خىتاي توي قىلغان ئائىلىنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىمۇ ئاشكارا يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي سىڭىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى چاقىرىق قىلماقتا ئىدى. 2014-يىلى سېنتەبىردە چەرچەندە يولغا قويۇلغان بۇ سىياسەت دەل مۇشۇ چاقىرىقنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ، ئاۋسترالىيە گرىفىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مىخائىل كلاركنىڭ «ھامىي» گېزىتىگە بايان قىلىشىچە، چەرچەندە يولغا قويۇلغان «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش» تەدبىرى بولسا، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ بىر شەرھىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىقتىسادىي تەسىر بىلەن سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى ياخشىلاش، ھەل قىلىشقا ئىشەنمەكتە ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان دىنىي زىيالىيلاردىن، شەرقىي تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكى رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇيغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشنى خالاش ئىستىكى يوق دېيەرلىك، خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مىللىي، دىنىي، مەدەنىي پەرقلەردىن سىرت، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ بىرى بېسىۋېلىنغان، يەنە بىرى ئۇنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان، ئۇنى بارلىق ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرغان مىللەت.، يەنى بۇلار بىر-بىرىنى دۈشمەن سانايدىغان مىللەتتۇر. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۈچى بولمايدۇ، قانچە تەشۋىق قىلغانسېرى ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق ۋە سەسكىنىش شۇنچە كۈچىيىدۇ» دەپ بىلدۈردى.

«جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشنى تەكشۈرۈشتىن تەھلىل» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ بۇ نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ «جەمئىيەت چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ تەسىرىدە، مىللىي تونۇش يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مىللىي مۇناسىۋەتتىكى جىددىيچىلىك، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىلاش كەنتتە ئەكس ئەتكەن. شىنجاڭدا يېقىنقى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىككى مىللەت ئەزالىرى مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئىككى مىللەتنىڭ مىللەت چەك-چېگرىسى بارغانسېرى ئېنىقلىشىپ، ئۆز مىللىتىگە بولغان تونۇش بارغانسېرى كۈچەيگەن، دىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىشىدىكى قىيىنچىلىقنى ئاشۇرۇۋەتكەن» دەپ كۆرسىتىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنازىرە تورلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە، دوستلۇق، مۇنازىرە توپلۇقلىرىدىمۇ ئۇيغۇر، خىتاي تويلىشىش مەسىلىسىگە قارىتا كۈچلۈك تەنقىدى ئىنكاسلار مەيدانغا كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ كەلگۈسى نەتىجىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم.

لېكىن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە، ئۇيغۇرلاردا خىتايلار بىلەن تويلاشقانلارنى يەكلەش، كەمسىتىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىرلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان خىتاينى دىنسىز مىللەت، تاجاۋۇزچى مىللەت دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن تويلىشىشنى گۇناھ ھېسابلاپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچەيتىلىشى بىلەن ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى بۇ خىل مىللىي زىددىيەت ۋە ھاڭنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇنداق بىر رېئاللىق ئالدىدا، خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۆزى كۈتكىنىدەك نەتىجە ھاسىل قىلالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يېقىندا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان «مەختۇمسۇلا سىز نەدە؟» دېگەن ماقالىسىدە، بۇ خىل كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بۇ سىياسىتى، ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئاخىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى تېزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت.

رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇش، مۇقىملىق سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ نوپۇس كرىزىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە توختالغان رۇقىيە خانىم قىز، ئوغۇل جىنسى نىسبەت جەھەتتە ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەكشى تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تۇغۇت سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئائىلىۋى تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ،خىتايلاردىكى خوتۇن ئالالمايدىغان بويتاقلار سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بۇ خىل خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس مەسىلىلىرى ھەققىدە بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال يەنى 2006-يىللىق «نوپۇس ۋە ئەمگەك ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتابى» دا جۇڭگودا تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ ئەر-ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، قىز-ئوغۇللارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ھازىرقى سۈرئەت بىلەن ماڭسا، 2020-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو بويىچە توي قىلىش يېشىدىكى 25 مىليون ئەركەك خوتۇن ئالالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. 14-فېۋرال ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى خىتايچە خەۋىرىدە خىتايدىكى بويتاقلار سانىنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەردىنمۇ ئېشىپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا 30 مىليونغا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئەمما رۇقىيە تۇردۇش خانىم يەنە، ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن ئىرق، قان، دىن ۋە ھەر جەھەتلەردىن ئۆتكۈر پەرقلەرگە ئىگە بولغاچقا، ئىككى مىللەتنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈنۈمگە ئېرىشىشى تەس. لېكىن، ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خىتاينىڭ تىل، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەتكە پەيدا قىلىۋاتقان بۇ خىرىسنى قانداق يېڭىش كېرەك دەپ ئانالىز قىلدى ۋە زىيالىيلار ئىلغار ئىدىيە ۋە قاراش بىلەن مىللەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ھەر تەرەپتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىگە قارشى ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنى تونۇتۇش، مىللىي ھېسسىيات، مىللىي ئاڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيىۋى ئېقىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلىش كېرەك. ھەر بىر ئۇيغۇر، ھەر بىر ئائىلە چارە-تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ھەقتە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى، مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.