جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشى ھەققىدە لېكسىيە بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.18
Xitay-professor-Pan-Guang-Jorj-Washington.jpg خىتاي پروفېسسور پەن گۇاڭ جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە بەرمەكتە. 2017-يىلى 17-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

«دۇنيانىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازىرى» دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاسىيادا يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قوشنا رايونلار ۋە دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىدىكى مەسىلىلەردىن بولۇپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرى ھەرقاچان كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تېمىلاردىن بولۇپ قالدى. 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئېلليوت خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە ئەنە شۇ تېمىغا بېغىشلاندى.

بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى تەييارلىغۇچى خىتاي مۇتەخەسسىس پەن گۇاڭ خىتايدىكى شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، قوشۇمچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بەلۋاغ-يول تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى. خىتايدىكى يەھۇدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ساھەسى بىلەن تونۇلغان پەن گۇاڭ ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە بەرگەن.

ئۇ لېكسىيەدە ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر زور مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلغانلىقىنى، ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان بىر تۈركۈم كونا «رەھبەر» لەرنىڭ ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە مۇقىم بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ داۋام قىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى تۇنجى قېتىم بىر سىستېمىغا جەم قىلىپ «بىخەتەرلىك» ۋە «تېررورلۇق» مەسىلىسى بويىچە غەلىبىلىك ھەمكارلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور پەن گۇاڭنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەكلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ھەمكارلىقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئاساسەن تۈركمەنىستان-خىتاي گاز تۇرۇبىسى، قازاقىستان-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بىلەن چەكلىنىپ قالغان. بولۇپمۇ نېفىت ۋە گازغا مەركەزلەشكەن بۇ سودا ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيىسى بەكمۇ تۆۋەن ھالەتتە داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكنى خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» زور دەرىجىدە تولۇقلاپ كېتىدىكەن. چۈنكى بۇ قۇرۇلۇش ياۋرو-ئاسىيادىكى خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى زور كۈچنى بىر ئورتاق ھەمكارلىققا جەلپ قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىدا ئىشلەتمەسلىك، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ۋە رۇسىيە پۇللىرىنى ئىشلىتىشكىمۇ يول ئېچىلىدىكەن. مۇشۇ مەقسەتتە ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدا بىر ئورتاق بانكا قۇرۇپ چىقىش كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇۋېتىپتۇ.

پەن گۇاڭنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشىگە خىرىس قىلىۋاتقان بىر مۇھىم ئامىل بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن «ئەسەبىي كۈچلەر» ئىلگىرى «جىھاد» نامىدا سۈرىيەدە جەڭ قىلغان بولسا ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ۋاقتى نامەلۇم بولغان كەلگۈسىدە «دائىش كۈچلىرى» نامىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كېلىپ، خىتاينى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. چۈنكى ھازىر تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردا «مۇجاھىد» نامىدا جەڭ قىلىۋاتقان قوراللىقلار ئارىسىدا مۇئەييەن ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبېكلەر بار ئىكەن. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھازىرچە بىر چوڭ چاتاق بولمىسىمۇ، «جىھادىي» كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا بىر باش قېتىنچىلىقى ئىكەن.

پەن گۇاڭ لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە بۇنىڭ ئىككى تەرەپكە ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتلىرى ھەققىدە سۆزلىدى.

لېكسىيەدىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە بولدى. شۇ قاتاردا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرەيلەن نۆۋەتتە قەشقەر رايونىدا قاتتىق بولغان ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى، كەچ سائەت 10 دىن كېيىن سىرتتا مېڭىش چەكلەنگەنلىكى، بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى رايون دائىرىسىدىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توسالغۇ بولۇش-بولماسلىقى ھەققىدە سوئال سورىدى. پەن گۇاڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، مەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن ئىقتىساد بىر-بىرنى ئالغا سۈرىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەمما بەزى رايونلاردا (بىخەتەرلىك ئۈچۈن) ئېلىنغان تەدبىرلەر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ تامامەن مۇمكىن. ئەمما مەن مۇشۇ يېقىندا شىنجاڭغا بېرىپ باقمىدىم. شۇڭا ئۇ جايدىكى ئەھۋاللارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. شاڭخەي ھازىر قەشقەرگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، يەنى بىز قەشقەرنى شاڭخەينىڭ ھەمكارلىق شېرىكى، دەپ ئاتايمىز. ھازىر شاڭخەيدىن نۇرغۇن دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە پروفېسسورلار قەشقەرگە ياردەمگە بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە جىق ئىش قىلىۋاتىمىز. شاڭخەيدىن بېرىپ قەشقەردە دەرس بېرىۋاتقان بىرنەچچە پروفېسسورنى تونۇيمەن. ئىشلار مۇشۇ يوسۇندا داۋاملىق ياخشى بولۇپ كەتسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما بەزى سەلبىي ھادىسىلەرمۇ يوق ئەمەس، بۇلارنى بەك ئېنىق بىلىپ كەتمەيمەن. چۈنكى ئۆتكەن ئۈچ يىلدا مەن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىدىم. يەنە ئالساق، سىز تىلغا ئالغان چوڭ ۋەقەلەر، يەنى (19-نۆۋەتلىك) پارتىيە قۇرۇلتىيى سەۋەبلىك بەزى ئامانلىق تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئۇنداق ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ساياھەت ئۆمەكلىرى مېڭىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، قاناس قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەك چىرايلىق جايلار.»

شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى نامىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەدبىرلەر، بولۇپمۇ چېن چۇەنگو ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان پۈتكۈل رايوننىڭ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلۇشى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە سوئال سورىدۇق. ھالبۇكى، پروفېسسور پەن گۇاڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«سىزنىڭ چېن چۇەنگو ھەققىدىكى سوئالىڭىزغا كەلسەك، مەن چېن چۇەنگو ھەققىدە سۆز قىلالمايمەن. مەن سىلەرنىڭ چېن چۇەنگوغا چىش-تىرنىقىڭلارغىچە قارشى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭدەك سىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا قىلىۋاتقان ھەممىلا نەرسىگە قارشى تۇرىسىلەر. شۇڭا سىلەر جەزمەن چېن چۇەنگوغا قارشى تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. چېن چۇەنگو كىم، ئۇ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ مەن بۇلارنى بىلمەيمەن. ئەمما سىز ئۇنى تەنقىدلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇنى داۋاملىق تەنقىد قىلىۋېرىڭ. مەن بۇ كىشىگە باھا بېرەلمەيمەن. سىز كىم، قەيەردىن كەلگەن، بۇمۇ ماڭا قاراڭغۇ. سىز ‹ئەركىن ئاسىيا› دىن، دەيسىز. مەن ئۇ يەرنى بىلىمەن، سىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا قىلىۋاتقان ھەممىلا نەرسىنى ئىنكار قىلىسىلەر. سىلەر ئاشۇ خىزمىتىڭلارنى داۋام قىلىۋېرىڭلار. بۇ سىزنىڭ ‹ئەركىن› بولغىنىڭىز، شۇنداقلا سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.»

لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى ھۆكۈمران كۈچ بولۇپ كۆتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن ھېنرىي شاجاۋىسكىمۇ لېكسىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ھازىرقى «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ۋەزىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«ھازىر بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز شۇ بولماقتىكى، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› شىنجاڭدىكى ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچسى. يەنى ئىلگىرىكى ‹غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش›، ‹شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى›، ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› دېگەنلەر مۇشۇ يوسۇندا بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. مېنىڭ قارىشىمنى سورىسىڭىز، مەن بۇنى خىتاينىڭ زىمېنغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى، دەپ چۈشىنىمەن. بۇ خىلدىكى زېمىن كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ھازىر ‹بىخەتەرلىك› نامىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭغا سەرپ قىلىۋاتقان ئاتالمىش سېلىنمىلىرىنى قوغداپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە بىز ئۇنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا يېقىندىن نەزەر سېلىشىمىز زۆرۈر. بۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدا قايسى دەرىجىدە باش كۆتۈرەلىشى ھازىر بىزگە نامەلۇم، ئۇنىڭ شىنجاڭغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىگىمۇ بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما بىزگە ئاشكارا بولغىنى شۇكى، 2013-يىلى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ‹بىخەتەرلىك› تەدبىرلىرى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيدى. دىنىي ئەركىنلىك، ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتتىق تەقىبگە ئۇچراۋاتىدۇ. ھازىر مۇخبىرلار ئۇ جايغا بارالمايۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلار كۆپ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېڭى سىياسىي كۈچ بولۇپ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى توغرىلىق ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بولمىغان مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.