غۇلجا شەھىرى خىتاي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تارقاقلاشتۇرۇلماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.18
Ghulja-xeritisi-xerite-kochilar-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻮﮔﯘﻝ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
http://maps.google.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تور بېكەتلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلار ۋە رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي بازىرىنى رەتلەش نامىدا، غۇلجا شەھىرى خىتاي بازىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

غۇلجا شەھىرىدىكى قەدىمىي بازارلاردىن بىرى بولغان «خىتاي بازىرى» دىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئىنكاس يازغان ئۇيغۇرلار بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەھەر كوچىلىرىنى ۋە بازارلىرىنى رەتلەش» نامىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار توپلىنىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى شالاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى بۇنداق ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا يەنە، غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەھەر كوچىلىرىنى ۋە بازارلىرىنى رەتلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، غۇلجا شەھىرىدىكى ئۈچ دەرۋازا، ئايدۆڭ، ھەرەمباغ، ئالتە شوئار قاتارلىق مەھەللىلەر ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش نامىدا چېقىلىپ، بۇ مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جايلىرى سېتىۋېلىندى. بۇ مەھەللىلەرگە ئىچكىرىدىن كەلگەن شىركەتلەر سالغان بىنالىق ئۆيلەر چۈشۈپ، بىنالىق ئۆيلەرگە كۆپلەپ خەنلەر ئولتۇراقلاشتى. ھازىر ئازاد يولى ئۇدۇلىدىكى ئۈچ دەرۋازىنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەل كوچىلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، بۇ كوچىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانماس بولدى. ئەسلىدىكى تاشلەپكە بازىرى، كونا گەلەنتىر بۇزۇۋېتىلدى. مانا ئەمدى خىتاي بازىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كۆچۈرۈلۈپ، ئۇلارمۇ تارقاقلاشتۇرۇلماقتا.» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى «خىتاي بازىرى» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرى يەنى 1900-يىللار ئەتراپىدا قۇرۇلغان قەدىمىي بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جاي نامدا خىتاي بازىرى دەپ ئاتالغىنى بىلەن 100 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان، ھەرقانداق نەرسە تېپىلىدىغان چوڭ بازارغا ئايلانغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن، غۇلجا شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىنىڭ «رەتلىنىۋاتقان»لىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جايدا تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جايدا تىجارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزىيە قاتارلىق خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە، يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈش ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم،ھازىرنىڭ ئۆزىدە غۇلجا شەھىرى نوپۇسىنىڭ تېزلىكتە ئېشىپ 600 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، بەلكىم يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە غۇلجىغا يەرلىشىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

غۇلجا شەھىرىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى غۇلجىدا «شەھەر كوچىلىرىنى رەتلەش» نامىدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تىجارەت قىلىۋاتقان ئەسلىدىكى بازارلارنىڭ چېقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى رايونغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-كوچىلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى تېزلەتكەن. بولۇپمۇ، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن غۇلجا شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتى تېزلەشكەن. رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، 2010-يىلى غۇلجىدىكى شەھەر كوچىلىرىنىڭ بىر قىسمىغا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نامى بېرىلىپ، بۇ جايلارغا خىتاي كۆچمەنلىرى ئاچقان شىركەت بازارلارنىڭ يەرلەشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. 2010-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھىرىگە «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا تەقسىم قىلىپ بەردى. رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ھالقىما تەرەققىيات رايونى» قۇرۇش، كان ئېچىش نامىدا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تىجارەت قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بازار-رەستىلەرنىمۇ ھەر خىل ناملاردا ئىگىلەشكە باشلىغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەھەر كوچىلىرىنى رەتلەش» نامىدىكى قۇرۇلۇش نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ،ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە بازارلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، توپلىنىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ بۇ جايلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلەشتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.