شى جىنپىڭنىڭ «خىتايلار - ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆزى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.11.10
xitaylar-ejderhaning-ewladi.JPG رىبېل پەپپېر سىزغان ھەجۋىي رەسىم: «خىتاي ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى». 2017-يىل 10-نويابىر.
RFA

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى ئالدى بىلەن بېيجىڭدىكى خان سارىيىنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلانغان ئىدى. شۇ كۈنى دونالد ترامپ ۋە خانىمى مېلانى ترامپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەننىڭ ھەمراھلىقىدا گۇگۇڭ سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي تارىخى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ھەققىدىكى «دەرس» لىرىنى ئاڭلىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خان سارىيىنى زىيارەت قىلغاندا شى جىنپىڭغا: «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى راستمۇ؟ چۈنكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتنى مىسىر مەدەنىيىتى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، يەنى قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتى8000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن» دېگەن. شى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي مەدەنىيىتى ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان مەدەنىيەتتۇر. بىز ھەممىمىزنىڭ قارا چېچى، سېرىق تېنى بار. بىز بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان. بىز ئۆزىمىزنى ئەجدەرھانىڭ ’ئەۋلادى دەپ قارايمىز،» دەپ جاۋاب بەرگەن. 

ئامېرىكىدىكى تونۇلغان خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى تۋىتتېر تورىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆز ئەسلىدە پەقەتلا «بىر ناخشىنىڭ لېرىكىسىدىكى بىر سۆز ئىدى. شى جىنپىڭ ئۇنى راست دەپ ئويلاپ قاپتۇ» دەپ يازغان. ھازىر تەيۋەندە ياشايدىغان، تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەتمۇ تۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى ئەمەس،» دېگەن.

خۇپىڭ ئەپەندى بۈگۈن بىزنىڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆزنىڭ قىلچىلىكمۇ ئىلمىي ئاساسىي يوقلۇقىنى بىلدۈردى. «شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ نېمە دېگىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ ‹ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى› دېگەن سۆزنى 80-يىللاردا تەيۋەنلىك ناخشىچى خۇ دېجيەن ئۆزى ئىجاد قىلغان بىر ناخشىدا ئىشلەتكەن سۆز ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ ئىجاد قىلىپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇرۇن بۇنداق گەپ يوق ئىدى. بۇ زادى قانداق گەپ؟ خىتايلار قانداق بولۇپ ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى بولىدۇ؟ ئۇنداقتا، خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرچۇ؟ مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنى ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى دېگىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدا ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى دېگەن سۆزلەر بۇرۇن پەقەت خان جەمەتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن. ئادەتتىكى پۇقرالارغا ‹ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى› دېگەن سۆز ئىشلىتىلمىگەن. ئەگەر كىمكى ئىشلەتسە ئۇنىڭ كاللىسى كېتەتتى. دېمەك، شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزنى ئىشلىتىشى تولىمۇ كۈلكىلىك.» 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنى ۋە شى جىنپىڭنى كۆككە كۆتۈرىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان دەپ يازغان. «خەلق گېزىتى» نىڭ شۇ كۈنكى باش بېتىدە خۇددى پرېزىدېنت ترامپ شى جىنپىڭنى ئالقىشلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بىر رەسىمنى باش رەسىم قىلىپ ئىشلەتكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى شى جىنپىڭنىڭ شۇ كۈنكى تارىخ ھەققىدىكى بايانلىرىنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ خىتاي تارىخىنى مىللەتچىلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خۇپىڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزنى ئىشلىتىشى «چوڭ خىتايچىلىق» قىلغانلىق دېدى. ئۇ، «مەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى خاتا دەپ قارايمەن. ئەگەر خىتايلار ‹ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى› بولسا، قالغان مىللەتلەرچۇ؟ شى جىنپىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟ قارا چاچ، سېرىق تەنلىك بولمىساڭ، سەن خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىڭ كېرەك، دەۋاتامدۇ؟» دېدى. ئۇ يەنە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە بۇنداق «ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى» «يەن خۇاڭ ئەۋلادى» دېگەن گەپ-سۆزلەر يوق ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا پەقەت سىنىپى كۈرەش بار ئىدى. خىتاي مىللەتچىلىكى يوق ئىدى. ئەمما ماۋ زېدوڭدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «مىللەتچىلىك» ئىدىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەمما ئۇلار كۆتۈرۈپ چىققان مىللەتچىلىك قىپقىزىللا «خىتاي مىللەتچىلىكى» دۇر. مەسىلەن، «ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى»، «يەن خۇاڭ ئەۋلادى» «رۇ جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى» دېگەندەك. ئۇيغۇرلار يا ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى ياكى يەندى، خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادى بولمىسا. يەنى مۇشۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەشۋىقاتلاردۇر. ئەسلىدە بۇ مەسىلىدە 2012-يىلى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن كىتابتا ئېنىق قىلىپ: «ھە دېسىلا يەن خۇاڭ ئەۋلادى، ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىدۇ،» دەپ ئېنىق يېزىلغان. ئەمما ھازىر شى جىنپىڭ «چوڭ خىتايچىلىق» ئىدىيىسىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتىدۇ. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەدەنىيىتىگە ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان دەپ ئەيىپلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە خىتاي مەدەنىيىتىنى قاتتىق تەرغىب قىلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىنى كىنايە قىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى مىللەت قاتارىدا قوبۇل قىلىش ئورنىغا ئەزەلدىن ئۇلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان سىياسىتىنى شۇنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.