كانادا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى كانادانىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوللىشىغا قۇلايسىزلىق يارىتامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2015.06.26
kanada-tashqiy-ishlar-diniy-erkinlik-bash-elchisi-andrew-bonnet.jpg كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى ئەندرۇ بوننېت ئەپەندى
RFA/Ruqiye


كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ, كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ تاشقى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى 23 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى قوغداشنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپال ئامىللىرىدىن بىرى قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كانادادىكى بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر خىتايغا دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە بېسىم قىلىشنىڭ قىيىن بولۇشى كانادانىڭ خىتاي بىلەن قويۇق يېقىن مۇناسىۋىتى بولغانلىقىدىن، كانادا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئەمەس بەلكى، سودىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

تېخى يېقىندىلا برۇك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى چارلېز بۇرتون ئەپەندى كانادادىكى كونسېرۋاتىپ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلەر مۇنبىرى «ئىسيانكار مەتبۇئاتى» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بىر مۇلاھىزە پروگراممىسىدا خىتاينىڭ ناھايىتى ئىنچىكە تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ پۇل ئارقىلىق كانادالىق بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىنسان ھەقلىرىنى سودىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قېلىشقا كۆندۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «خىتاي ئۇستىلىق بىلەن ئىستراتېگىيە ئىشلىتىپ دۆلىتىمىزنىڭ قىزىقىشلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، بەختكە قارشى بۇ يەردە خىتاينىڭ پۇلىغا بولان قىزىقىش كۈچلۈك، ئامما كانادانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ئارزۇسىغا بولغان قىزىقىش ئاز بولۇپ قېلىپ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئالدى ئېلىنمايۋاتىدۇ.»

كانادادا تۇرۇشلۇق ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار بولسا، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە بېسىم قىلىشىنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەب خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى «رادىكال ئىسلامنى باستۇرۇۋاتىمىز» دەپ كۆرسىتىشىدىن، شۇنداقلا «بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرۇۋاتىمىز چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بولغان ئەمەس ئۇلار بىزدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت، بولۇنۇپ چىقىپ دۆلەت پۈتۈنلۈكىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەكچى» دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن دەپ قارايدۇ.

ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى ئاندرېۋ بەننەتنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىنتايىن ئىجابىي.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە ئىنتايىن يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىمىز. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدىغىنى كانادا خىتاينىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەمما دەل شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە. كانادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم بولۇش مەسىلىسىگە تاقاپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا قاراپ تۇرالمايدۇ.

چۈنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ رامزاندا روزا تۇتۇشىنى ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەشنىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە. مۇسۇلمانلار باشقا دىنغا ئىشەنگەنلەرگە ئوخشاشلا، ئاممىۋى ۋە شەخسىي ھالدا ئۆز دىنغا ئىشىنىشكە، ئۆز ئېتىقادىنى يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك. بۇ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىنىڭ 18 - ماددىسىدا بەلگىلىگەن ئاساسىي دىنىي ئەركىنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز. خىتايغا ئوخشاش كۆپ مىللەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىمەن دەيدىكەن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق.»

ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش پۇرسىتى كۆپ

ئۇ يەنە كانادانىڭ خىتاي بىلەن كۆپ قىرلىق ۋە قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە كانادانىڭ خىتايغا ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىگە قۇلايلىق پۇرسەت يارىتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنىڭىزدەك كانادانىڭ خىتاي بىلەن كۆپ قىرلىق مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىرىمىزدىن قارىغاندا سودا مۇناسىۋەتلىرىمىز، ئىلمىي مۇناسىۋەتلىرىمىز، تىل ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. بىز بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ھەر خىل پۇرسەتلەردە كۆتۈرۈپ چىقالايمىز. ئەلۋەتتە مەن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق، بولۇپمۇ بايانات ئېلان قىلىش خىتاينىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمەن. باش مىنىستىرىمىز ۋە باشقا مىنىستىرلارمۇ دىنىي ئەركىنلىك بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. مەنچە بىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بولغاچقا ئۇلارغا ئىنسان ھەقلىرى، قانۇن ۋە دېموكراتىيە ھەققىدە بىۋاسىتە پىكىر ۋە بېسىم قىلالايمىز.»

كانادا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئاجىز مىللەتلەرنى دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىش دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.