گۇاڭشىدىكى بىر دوختۇرخانا چىقارغان «تېررور گۇماندارلىرى» ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.04.15
terror-gumandar-guangshi.jpg گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى چىقارغان «تېررور گۇماندار» لىرىدىن ھوشيار بولۇش ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش. 2015-يىل 10-ئاپرېل.
Social Media

10-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «شىنجاڭلىقلار» نى كۆرگەن ھامان قوغداش بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئۇقتۇرۇش مەزكۇر دوختۇرخانا مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ھەمدە «دوختۇرخانا تەۋەلىكىمىزدە تېررورلۇققا قارشى ھوشيارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» دېگەن ماۋزۇدا تارقىتىلغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا گۇاڭشى تەۋەلىكىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاممىنى «گۇمانلىق كىشىلەر» گە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

«بىرىنچى، ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كەچ سائەت 17:30 گىچە خىزمەت ئورنىدا بولىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىپ، ‹گۇمانلىق كىشىلەر› نى، يەنى ‹شىنجاڭلىقلار› نى بايىقىغا ھامان قوغداش بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، كەچ سائەت 17:30 دىن سەھەر سائەت 8:00 گىچە دوختۇرخانا تەۋەسىدە چارلاشنى كۈچەيتىپ، ‹گۇمانلىق كىشىلەر› نى، يەنى ‹شىنجاڭلىقلار› نى بايقىغان ھامان كېچىلىك نۆۋەتچى ئىشخانىسىغا خەۋەر بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئامال بار قورۇ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.»

يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتا «گۇمانلىق كىشىلەر» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە تىرناق ئىچىگە ئالاھىدە قىلىپ «شىنجاڭلىقلار» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ قوغداش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان كېچىلىك نۆۋەتچى خادىم مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى 10-ئاپرېلدا چىقىرىلغانلىقىنى، ئەمما ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە دوختۇرخانىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە چىقارغانلىقىنى، دوختۇرخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدە «تېررورلۇققا قارشى» ھوشيارلىقنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇشنى «مانېۋىر تەشۋىقاتى» قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ باش نۆۋەتچى ئىشخانىسىدىكى يەنە بىر ئايال خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ھەقتە داۋاملىق سۈرۈشتە قىلماسلىقىمىزنى ئېيتتى.

بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى «گۇمانلىق كىشىلەر» دەپ سۈپەتلەنگەن ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار» زادى كىمنى كۆرسىتىدۇ، بۇ سۆز ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانمۇ-يوق، دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغا بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مەمۇرىيەت ئىشخانىسىدىكى بىر ئايال خادىممۇ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى دوختۇرخانىنىڭ سىياسىي-تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن سورىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇاڭشىدىكى دوختۇرخانا چىقارغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ھەققىدە بايانات بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.