پروفېسسور ياڭ خەييىڭ: خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە خەلقئارا جەمئىيەت سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-12-30
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
CCTV

مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تايلاند، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ شۇ يەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم خىتاي، ئۇيغۇر، موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان كىشىلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئورگىنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى تەرىپىدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە بېرىلگەن ئىككى خىتاي پۇقراسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

پروفېسسور ياڭ خەييىڭ ماقالىسىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا يېقىندا تايلاندنىڭ مەركىزى باڭكوكتىن تۆت نەپەر كىشىنىڭ مەجبۇرى ھالدا تايلاند ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەسلى شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان شوڭكوڭلىق كىتاب سودىگىرى گۇي مىڭخەي باڭكوكقا ساياھەتكە كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇپ كېتىلدى. ئۇندىن باشقا باڭكوكتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل قىلىنىپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ نەپەر خىتاي پۇقراسىمۇ تۇتقۇن قىلىندى» دەيدۇ.

بىراق، ئاپتور ئۆزى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ۋە «تۇتقۇن قىلىندى»، دېگەن ئۈچ نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ماقالىدە تەپسىلىي توختالمىغان.

ئاپتور ماقالىسىدە شوڭكوڭدىكى كىتاب سودىگىرى گۇي مىڭخەينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى فاكۇلتېتىنى تاماملاپ گېرمانىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن شىۋېتسىيەگە يەرلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.

ماقالىدە كىتاب سودىگىرى گۇي مىڭخەينىڭ شوڭكوڭ توڭلوۋەن ئارىلىدا كىتاب-نەشرىيات شىركىتى قۇرۇپ شوڭكوڭ بازىرىدىكى ئۆزىنىڭ كىتابخانىلىرى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە زىت بولغان كۆپلىگەن كىتابلارنى بازارغا سالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «گۇي مىڭخەي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە، يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دائىر نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى نەشر قىلغان. ھەتتا ئۇ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلار گۇرۇھى يەنى ‹شاڭخەي گۇرۇھى›دىكى ئەمەلدارلارنىڭ قىز-چوكانلار بىلەن بولغان ئاشنىدارلىق مۇناسىۋىتىگىچە ئىزدىنىپ بۇ ھەقتە كىتاب چىقارغان-ئىدى» دەيدۇ.

ئاپتور گۇي مىڭخەينىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىرلىرىنى ئاۋام خەلققە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ كومپارتىيىگە بولغان قارشى تۈپتىن ئۆزگەردى.ئەلۋەتتە كومپارتىيە ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش كېرەكتە» دەيدۇ.

شياڭگاڭنىڭ ئىلگىرى تارىخىي ھەققىدە توختالغان ئاپتور ماقالىسىدە شوڭكوڭ ئەنگلىيەگە مۇستەملىكە بولغان دەۋردە بۇ يەردە تولۇق ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى، 1997-يىلى شوڭكوڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن بېيجىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىش نىيىتىدە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» دېگەن سىياسەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ يەردە ۋاقىتلىق ئەركىنلىكنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا شوڭكوڭدىكى بەزى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر خىتايغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن شى جىنپىڭ شوڭكوڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، كومپارتىيىگە خاس يول بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى شۇڭا گۇي مىڭخەيدەك كىشىلەر گەرچە چەتئەل پۇقراسى بولسىمۇ يەنىلا بۇ سىياسەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلغان.

ئاپتور گۇي مىڭخەينىڭ باڭكوكتا قولغا ئېلىنىشىنى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىدىكى تۇنجى قەدىمى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ: «2009-يىلى 10-ئايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن تاشقى موڭغۇلىيەگە قېچىپ چىققان دوختۇر باتۇر زاڭگا ئائىلىسىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ئۇلانباتوردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسىدىن قوبۇل قىلىنىپ بولغاندا، ئۇلار دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئائىلىسى بويىچە خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلدى. ئىچكى موڭغۇل سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ دوختۇر باتۇر زاڭگانى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئائىلىسى نەزەربەندكە ئېلىنىپ، دوختۇرخانىسى تاقالغان ئىدى» دەيدۇ.

ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رۇنا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ چەت ‘ئەللەردە بۇ خىلدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رەسمىي باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى»دېدى.

ئۇ، سۆزىدە يەنە ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىمۇ مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ياڭ خەييىڭ ماقالىسىدە خىتايدا مىللىي كىملىكى دەپسەندە قىلىنغان ئۇيغۇرلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە تايلاندقا قېچىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇچراپ، خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىغا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلدى»-دەپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ماقالىسىدە ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بولۇپمۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە خىتاينىڭ ئۆزى ئالدىغا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى چۈنكى بۇ دۆلەتلەر خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي نەپنى كۆزلەپ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ چەتئەل لەردە تۇتقۇن قىلىۋاتقان خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئىگە چىقىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت