خىتايدا ئىسلام ئەنسىزلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئۇيغۇرلار سەۋەب بولۇۋاتامدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.06.22
guma-qarshiliq-herbiy-6.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلاردا پىچاق ۋە پالتىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان خىتاينىڭ ھەربىي ھەيۋە كۆرسىتىش مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 22-فېۋرال.
ts.cn

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 20‏-ئىيۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىسلامىفوبىيە يەنى ئىسلام ئەنسىزلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئۇيغۇرلاردىكى «رادىكاللىق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدە، دۈشەنبە كۈنى لوندوندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ خىتايدا مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەتكە ئايلىنىشىدىن ھەزەر ئەيلەشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەنسىزلىكنى «خىتاي جەمئىيىتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم، دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن زىچ ئالاقىدار، دېگەن كۈچلۈك تەسىرات كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى بىر مەسچىتنىڭ جامائىتى بىر نەپەر ئىنگلىز ئاق تەنلىكنىڭ ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، 11 ئادەم يارىلانغان. بۇ ۋەقەدىن بۇرۇن ئەنگلىيە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ يىل 22‏-مارت، 22‏-ماي ۋە 3‏-ئىيۇندا يۈز بەرگەن مۇسۇلمان رادىكال كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدا 36 ئادەم ئۆلگەن. 19‏-ئىيۇن يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇم خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مۇنازىرە قوزغاپ، ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان تۇڭگانلار ھاقارەت، ھۇجۇم ۋە تەھدىت نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ «ئىسلام ئەنسىزلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىختىلاپ پەيدا قىلىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتايدا ئىسلام ئەنسىزلىكىنىڭ كۈچىيىشىنى، خىتاينىڭ خۇسۇسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي رادىكاللىق، بۆگۈنچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىراق چەتئەلدىكى بەزى ئانالىزچىلار، خىتايدا كۈچىيىۋاتقان ئىسلام ئەنسىزلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىشنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى»نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئىسلام ئەنسىزلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىدە ئۆزى ئۇنداق قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك، نەپرەت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلغاندا قارىماققا نىسبەتەن سالماق گەپلەرنى قىلغاندەك قىلىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى بۈگۈنكى بۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ، بۇ يەردە ئىككى خىل رول ئويناۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تەشۋىقاتىدا مىللەتلەر باراۋەرلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، دىنىي ئېتىقاتنى قوغداشنى تەكىتلەۋاتىدۇ.»

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا پەيدا بولغان ئىسلام ئەنسىزلىكىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دىنىي رادىكال، تېررورچى، دەپ سۈرەتلەپ كۆرسىتىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن (خىتاي) دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدۇق. بولۇپمۇ 2009‏-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن (خىتاي) دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق كۈچىيىپ، بۇ خىتايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ زورايتتى. بەلكى، بۇ ئەندىشە ھازىر ئومۇمىي ئىسلامغا بولغان ئەندىشىگە كېڭەيگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى يېقىندا قازاقلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قازاقلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىسلامى ئېتىقاد مەسىلىسى تۇغۇلدى. شۇڭا، خىتاي دۆلىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى دىنىي رادىكال، تېررورچى، دەپ سۆرەپ كېلىشتەك ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى.»

پروفېسسور روبېرتسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا ئىسلام ئەنسىزلىكىنىڭ كۈچىيىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئىسلامنى «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ مەنبەسى دەيدىغان قاراشنىڭ كۈچىيىشىدۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلاردا مەسىلىنى ئۇيغۇرلاردىن كۆپەرەك ئىسلامدىن كۆرىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ كۈچەيگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار تۇڭگاندىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان بولۇشى، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭدىكى قازاق دىندارلىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال بىز غەربتە كۆرۈۋاتقان بەزى ئەھۋاللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. غەربتە دۆلەتلەر تېررورلۇقنىڭ مەنبەسىنى دىنىي رادىكاللىق، دەپ قاراشقا باشلىدى. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلامنى دىنىي رادىكاللىقنىڭ مەنبەسى، دەپ قاراپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك نىشانغا ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە يەنە، خىتايدا ئىسلامنىڭ خىتايلىشىش يولىدىن يىراقلىشىشى، مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىكنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى ئېچىلغان دىنىي خىزمەت يىغىنىدا، ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە بولغان دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بۇرۇن خىتاي مەدەنىيىتىگە ناھايىتى ياخشى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق چەتئەلنىڭ يېقىنقى يىللاردا كىرگەن رادىكال ئىدىيەسى خىتاي جەمئىيىتىنى ئەنسىزلىككە سېلىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت پەيدا قىلغان. بۇ مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

بىراق خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتايدا مۇسۇلمانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىنى دىنىي رادىكاللىق پەيدا قىلغانلىقىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، غەربتىكى دىنىي رادىكاللىق مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىككىسى ئىككى خىل مەسىلە ئىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، خىتايدىكى ئىسلام ئەنسىزلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئىسلام دىنىي مۇخلىسلىرىغا زەربە بېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇرۇنقى ئەھۋالغا قاراپ باقساق، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى بۇنداق جىددىي ئەمەس ئىدى. ھازىرقى جىددىيلىكنى دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئىسلام دىنىي ئېتىقادىغا زەربە بېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇرۇن بۇنچىلىك جىددىي ئەمەستى. تارىختىمۇ بۇنچىلىك جىددىيلىشىپ باقمىغان. مىنگو دەۋرىدىمۇ ھازىرقىدىن ياخشى ئىدى. شۇڭا، رادىكاللىق بۇنىڭ سەۋەبى ئەمەس. بۇنىڭ باشقا سەۋەبى بار. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى باستۇرۇش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.