3-سېنتەبىردىكى پاراتقا باھا: خىتاي كومپارتىيىسى ئاۋۋال ئۆز خاتالىقلىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.09.02
yapongha-qarshi-parat-2-web.jpg خىتاي ئەسكەرلىرى، 3-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىدىغان ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا پاراتتىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. 2015-يىلى 23-ئىيۇل، بېيجىڭ.
XINHUA

خىتاي ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ھەربىي پارات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆتكۈزگەن ئەڭ زور بىر قېتىملىق ھەربىي پارات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق پاراتقا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى 12 مىڭ نەپەر ئەسكەر، 500 دىن ئوشۇق ھەربىي ئەسلىھە ۋە 200 دىن ئوشۇق ھەربىي ئايروپىلان قاتناشتۇرىدۇ. پاراتتا يەنە 19 دۆلەت ئارمىيىلىرىدىن كەلگەن جەمئىي 1000 نەپەر ئەسكەرمۇ يەر ئالىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى بۇ قېتىم پاراتتىن ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ 84 پىرسەنتى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىشى بولۇپ، بۇ خىتاي ئۆزى ياساپ چىققان يېڭى تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي «شەرق شامىلى» دەپ ئىسىم بەرگەن ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان يادرو بومبىسىمۇ بار.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پاراتنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىر ئايدىن بۇيان بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ تەدبىرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ۋە دىپلومات گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاراتنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كۈچىدىن باشقا يەنە، مايمۇن ۋە شۇڭقارلارنىمۇ تەربىيىلىگەن. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى سېنتەبىر ئېيىدا بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كۆندۈرۈلگەن كەپتەرلىرىنى ئۇچۇرۇشىنى چەكلىگەندىن سىرت، پارات كۈنى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋېتىش ئۈچۈن مەخسۇس شۇڭقار تەربىيىلىگەن. خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى يەنە پارات كۈنى ھاۋادا نومۇر كۆرسىتىدىغان ھەربىي ئايروپىلانلار ئۇچۇپ ئۆتىدىغان لىنىيەلەردىكى قۇش چاڭگىلىرىنى چۇگۇۋېتىش ئۈچۈن مەخسۇس ماكاكا مايمۇنلىرىنى تەربىيىلىگەن.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتارىدا يەنە، تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ پاراتقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن. دوختۇرخانىلار بالنىستتا يېتىپ داۋالانمايدىغان بىمارلارنى كۆرۈشنى توختاتقان. دائىرىلەر يەنە دوختۇرخانىلارنى بارلىق ئىنچىكە، تىغ شەكىللىك ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىشتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇغان. بېيجىڭ شەھىرى يەنە بارلىق پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر-بىرلەپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشنى، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ چوقۇم قول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. تيەنئەنمېن مەيدانى 7-سېنتەبىرگىچە زىيارەتچىلەرگە تاقالغان. بېيجىڭدا تىزگىنەك بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇق ئايروپىلان سېتىشى توختىتىپ قويۇلغان ۋە ئۇنى ئۇچۇرۇش چەكلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا ئالغان بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇچۇرنى ۋە كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىمۇ قامال قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۈگۈن، «خىتاي دىجىتال ۋاقتى» خەۋەر تورى ئاشكارىلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بەتلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل دائىرىلىرى خىتايدىكى بەيدۇ، سىنا، فونىكس، سەيجىن قاتارلىق تور بەتلەرگە مەخسۇس يوليورۇق چۈشۈرۈپ، بۇ تور بەتلەرنى پاراتقا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئىجابىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، پاراتقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق خەۋەر ۋە تورداش ئىنكاسلىرىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پاراتقا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە ۋە ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدىغان، نارازىلىق بىلدۈرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن : «بارلىق تور بەتلەردىكى ۋە خەۋەر قاناللىرىدىكى پاراتقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر تېكىستلىرى، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، رەسىملەر ھەممىسى ئىجابىي بولۇشى، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىغا زىت بولماسلىقى، يالغان ئىنكاسلارنى ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كېرەك. ئىنتېرنېت ئىنكاسلىرى يېقىندىن تەقىبگە ئېلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى تەلەپلەرگە رىئايە قىلماي، تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرمىگەن تور بەتلەرگە قاتتىق چارە كۆرۈلىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق پارات ئارقىلىق خىتاينىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىدىغان بولۇپ، پارات ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنى، تارىخچىلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان تارىخنىڭ بۇرمىلانغان بولۇشى ئىدى. سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى چىن بولۇشقا چاقىردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون باياناتتا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، ياپونىيەنى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىشى چاكىنىلىق بولۇپ قالىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆزى سەۋەب بولغان نۇرغۇن ئاپەتلەرنىڭ جاۋابىنى بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ماۋ زىدۇڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان تۇرۇقلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمىدى، ئۇ ھېلىھەم ئۇلۇغ داھىي دەپ خاتىرىلىنىۋاتىدۇ. چوڭ رەھبەرلەرنىڭ جىنايەتلىرى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» قا ۋە يېقىنقى زاماندىكى بو شىلەيگە ئارتىپ قويۇلۇپلا تۈگىتىلدى. تيەنئەنمېن ئانىلىرى ھازىرغىچە ئۆلگەن بالىلىرى ئۈچۈن جاۋاب بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھەتتا زوراۋانلىققا ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەتتىن ئۇزاق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. 2008-سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە ساختىلىق ئىشلىتىلگەن مەكتەپ بىنالىرىنىڭ تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن بالىلار ئۈچۈن ھېچكىم جاۋابكارلىققا تارتىلمىدى. ئەكسىچە، جاۋابكارلارنى ئىزدىگەنلەر ئۆزى سوتقا تارتىلدى. ئوخشاش ئەھۋال تېز پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىدە ۋە تېخى يېقىندىكى تيەنجىن پارتلاش ۋەقەسىدىمۇ تەكرارلاندى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىلارنى ئۆتمۈشى بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىرىمەن، دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزى شۇنى قىلىشى كېرەك. خىتاي ئەدلىيىنى مۇستەقىل قىلىپ، ئاخباراتنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، پۇقرالارنىڭ تەنقىدلىرىگە قۇلاق سېلىشنى، ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن باشقىلاردىن شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پاراتتا چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنى بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بولسا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشى ئىدى. چۈنكى ئەينى يىللاردا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلار ۋە ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. ۋال ستىرىت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قايتا-قايتا بايانات بېرىپ، 8 يىل داۋام قىلغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا جەڭ قىلغانلار ئازادلىق ئارمىيە ئەمەس، جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى، دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 3-سېنتەبىردىكى پاراتقىمۇ تەيۋەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشمايدىكەن ۋە ھېچقانداق ۋەكىلمۇ ئەۋەتمەيدىكەن. ئۇلار ھەتتا بارلىق پېشقەدەم گېنېرال ۋە ئەسكەرلىرىگە مەزكۇر پاراتقا قاتناشماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي مەيدانى يۇقىرىقىدەك بولسىمۇ، تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ليەن جەننىڭ پاراتقا قاتنىشىدىغانلىقى خەۋەرلەر ئارىسىدا. ئۇ 1945-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك تەيۋەنلىك ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2005-يىلى تۇنجى قېتىم ئەينى چاغدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.