ئاقسۇ بايدا كۆمۈركان ساقچى ۋە خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 40 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.22
xinjiang-aksu-map-305.jpg خەرىتىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆرسىتىلگەن
Photo: RFA

ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار 18-سېنتەبىر كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 3 مەزگىلىدە تېرەك بازارنىڭ تاغ باغرىدىكى سوغان كۆمۈر كان ساقچىلىرى ۋە كان خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40 كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان؛ ئۆلگەنلەرنىڭ 5 نەپىرى تېرەك بازارلىق ساقچىخانىنىڭ خادىملىرىدۇر. ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن 4 كۈن بولغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ۋەقەنى تا ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلىمىغان. ۋەقەنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ساقچى خادىملىرىغىمۇ رەسمىي شەكىلدە بىلدۈرمىگەن. شۇڭا ۋەقەدە رول ئالغان پىدائىيلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس، ئەمما بايدا كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتىلىۋاتقان ۋە كۆپەيتىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ تۈرلىرى پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

يۇقىرىقى ساقچى خادىملىرى ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئارقىدىن باي ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي خادىم بىلەن ئارىمىزدىكى سوئال-جاۋاب تۆۋەندىكى شەكىلدە داۋام قىلدى:

سوئال: قايسى كۈنى باي ناھىيىسىدە چىققان ۋەقە ناھىيە بازار ئىچىدە يۈز بەردىمۇ ياكى يېزىلاردىمۇ؟
جاۋاب: بازار ئىچىمۇ ئەمەس، يېزىمۇ ئەمەس تاغدا.

سوئال: قايسى تاغدا؟
جاۋاب: كۆمۈر كاندا.

سوئال: كۆمۈر كانغا ئەڭ يېقىن يېزا ياكى بازار قايسى؟
جاۋاب : تېرەك بازىرى! تېرەك بازىرىدىكى سوغۇن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەردى.

سوئال: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى؟ قانچە كىشى يارىلاندى؟
جاۋاب: بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ناھايىتى چىڭ قامال قىلىنىقلىق، ھۆكۈمەت ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

سوئال: ۋەقە قايسى كۈنى يۈز بەردى؟
جاۋاب: پەيشەنبە كۈنى كېچە-جۈمە كۈنى سەھەردە يۈز بەردى.

سوئال: ۋەقەدىن سىز قانداق خەۋەر تاپتىڭىز؟
جاۋاب: جۈمە كۈنى بالامنى مەكتەپكە ئاپارغىلى بارسام، مەكتەپ دەرۋازىسىدىكى قاراۋۇلخانا كوچىغا يۆتكىلىپتۇ، قاراۋۇللارمۇ 10 نەچچىگە كۆپەيتىلىپتۇ، يەنە دوقمۇش-دوقمۇشتا توسۇقلار قۇرۇلۇپتۇ، كوچىدىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ؛ بۈگۈن بالامنى مەكتەپتىن ئىككى سائەت بۇرۇن قويۇپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ خاڭدا ئىش چىققانلىقى ئۈچۈن.

سوئال: كوچىدىن ئاڭلىغىنىڭلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ساقچىلار بارمىكەن؟
جاۋاب: ساقچىلارمۇ بار، پۇقرالارمۇ بار. يارىلانغانلارمۇ كۆپ ئىكەن.

سوئال: بالىڭىزغا مەكتەپ ۋەقە چىققانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتىمۇ؟
جاۋاب: ئوقۇتقۇچىسى دېدىمۇ-دېمىدىمۇ سوراپ باقمىدىم، ئەمما ئۇ كۈنى يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى، ھېچ بولمىدى دېگەندە بالىلار دوختۇر، سېسترالارنىڭ بالىلىرىدىن بولسىمۇ ۋەقەنى ئۇقىدۇ.

سوئال: سوغان كۆمۈر كېنىدا خەنزۇلارنىڭ سانى كۆپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ؟
جاۋاب: يېقىندا بېرىپ باقمىدىم، ئەمما بىلىشىمچە خەنزۇلارنىڭ، ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار.

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن تېرەك بازىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق، بۇ يەردىكى خادىم ۋەقەدە 30 چە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا تېرەك بازارلىق ساقچىخانىنىڭ 5 نەپەر خادىمىمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىگىلىگەن ئومۇمى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 40 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.