يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىسى ئەسقەر قۇددۇسقىمۇ ئوق تەككەنلىكى 3 يىلدىن كېيىن دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-06-02
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ياللانما ساقچى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئۇيغۇر ياللانما ساقچى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى2014 ‏-يىلى يەكەندە يۈز بەرگەن28 ‏-ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە  خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى ئەسقەر ۋە نۇرمەمەتنىڭ  ۋەقەدە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئوق يېگەنلىكى، بۇنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە مەنسىپىىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى يەكەن ج خ ئىدارىسىنىڭ1 ‏-ئەترەت باشلىقى ئەسقەر قۇددۇسنىڭ مەملىكەت بويىچە نەمۇنىچى قەھرىمان بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېنىقلىشى داۋامىدا، مۇكاپاتلانغان ساقچى ئەسقەر قۇددۇسنىڭ ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىدىن ئوق يېگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

2014 ‏-يىلى28 ‏-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن يەركەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرالارغا قارىتىپ قارا-قويۇق ئوق چىقارغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋەقەدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەمەلدار ۋە ساقچىلارغىمۇ ئوق تەككەنلىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە كەڭ-كۆلەمدە تارقالغان ئىدى. ئەمما بۇ ئەھۋال ،خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەدە يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى ئەسقەر قۇددۇسنىڭ  ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە ئوقتا يارىلانغانلىقى دەلىللەندى. ئەسقەر قۇددۇ25 ‏-ماي كۈنى خىتاي خ خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەمۇنىچى قەھرىمان دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرى28 ‏-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، ۋەقەدە ئاتالمىش تېررورچىلاردىن 113 كىشى، ئۆزلىرى تەرەپتىن 33 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ  كۆپ ساندا كىشىلەرنى يارىلاندۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ئەمما  خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆز ساقچى ۋە خادىملىرىنىمۇ يارىلاندۇرغانلىق ئەھۋالىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.  يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئەسقەر قۇددۇس خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوقىدا يارىلانغان. ئەمما، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەسقەر قۇددۇسقا قارىتىپ قەستەن ياكى پەرقلەندۈرەلمەي ئوق چىقارغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت