گۇما ناھىيىسىدە بومبا پارتلاش يۈز بېرىپ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-09-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
Weibo

بىرقانچە كۈندىن بېرى خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاغىلىق ناھىيىسىدە ئۆتكەن ھەپتە بىر بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ساقچى باشلىقىمۇ ئىچىدە بىرقانچە ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن نەق مەيداندىن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئەمەس، گۇما ناھىيىسىدە، يەنى گۇمىنىڭ كۆكتېرەك يېزا 23-كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى ۋە ۋەقەدە گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 45 ياشلىق غەيرەت مامۇتنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنى 10-سېنتەبىردە ساقچىلارنىڭ بىر گۇماندارنىڭ ھويلىسىدىكى گەمىنى تەكشۈرۈۋاتقان چېغىدا يۈز بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (1)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

bu hever kishi gumangha salidu ayni vakitta 2008 -yili wanglequan oydurup qikarghan jenubi aviatsiye airpilanini partilitish vekesige ohshash bumu kominist hitay hokumitining uyghurlarni yenimu kattik basturushush uqun elip barghan ozi rijisorluk kilghan uyun bolushini chetke kakkili bolmaydu chunki bir mustebit hokumet ozi hokumranlik kilghan elde mustekillik devasi kilivatkan bir milletni kanlik basturush uqun mushundak bir sahta oydurmani oydurup chikarmisa unung kolida destek kilghidek birer sevepni korsitip ushughluk kilmisa dunya jamaitining nepritige kelishtin ensireydu ,chunki ilgiri bolup otken nurghun atalmish ular elen kilghan terorluk vekelirining kopinchisi tolimu kulkilik hem kop kisim ekelli pikir kilidighan bir adem uchun tolimu kulkilik

Sep 27, 2016 11:34 PM

تولۇق بەت