شاھىتلار قانلىق ئازگالدا 18 تال ئوق مىشىكىنى كۆرگەن، ئابدۇلباسىتنىڭ دوستى مەردان غايىب بولغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.04.29
kelpin-yash-etip-olturulgen.jpg قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ جەسىتى. 2014-يىلى 13-ئاپرېل، كەلپىن.
Social Media

مەرھۇم ئابدۇلباسىت ئابلىمىتنىڭ پاجىئەسى قوزغىغان زور زىلزىلە ئاستا-ئاستا بېسىقىشقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەمەلىي ئەھۋاللار ئاشكارا بولماقتا.

ئابدۇلباسىتنىڭ ئاپىسى ئامىنەم ۋە ئۇنىڭ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاچىسى بېلىقىز رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ھەقىقىي يۈزىگە دائىر بىر قىسىم يىپ ئۇچىلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

قانلىق ئازگالدىن 18 تال ئوقنىڭ مىشىكى بايقالغان

17 ياشلىق ئابدۇلباسىت ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ھايات قالغان دوستلىرىدىن بىرى ئابدۇلباسىتنىڭ ئاچىسىغا ئۆزلىرى نەق مەيداندا كۆرگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن. بېلىقىز بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«شۇ كۈنى ئۇكام تۆت دوستى بىلەن بىللە ناھىيە بازىرىدىن ئۆيگە قايتىپتۇ. بۇ كەچ سائەت 11 بولغان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇلار 5 بالا ئىككى موتسىكلىتقا مىنگىشىپتۇ. شۇ ئارىلىقتا كەينىدىكى موتسىكلىتتا كېلىۋاتقان ئىككىيلەن ماي قاچىلاش ئۈچۈن ئايرىلىپ قاپتۇ. ئابدۇلباسىت بىلەن بىر موتسىكلىتقا مىنگەشكەن ئىككى دوستى بىر تۆت كوچىدىكى قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەن ئوخشايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ساقچىلار ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن ئۇلارنى قوغلاپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پاراسلاپ ئوق ئېتىلىپ، شۇ ئەتراپتىكى كىشىلەر قىيا-چىيا قىلىشقا باشلاپتۇ. ھېلىقى ئىككىيلەن نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئابدۇلباسىتلار كەتكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئالاھازەل بىرقانچە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ئۇلار نەق مەيدانغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار دەرھال يول ياقىسىدىكى بىر ئازگالغا يوشۇرۇنۇپ ئەھۋالنى كۆزىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 40 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئابدۇلباسىتنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشكەن دوستى مەرداننى كۆتۈرۈپ ئاپتوموبىلغا تاشلىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار ئىككىسى ئابدۇلباسىتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئاپتوموبىل ئىچىگە تاشلانغانلىقى ياكى باشقا بىر جايغا قېچىپ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ھەربىي ئاپتوموبىل بۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلار ئەتراپنى ئىزدەپ بىر ئازگالدىن ئابدۇلباسىتنىڭ موتسىكلىتىنى تېپىپتۇ. قارىسا موتسىكلىت ئوق زەربىسىدىن تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلار ئاي نۇرىدا موتسىكلىتنىڭ باكىدىن ئاققان ماينىڭ قان بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئەتراپنى سىلاشتۇرسا 18 تال ئوقنىڭ مىشىكى چىقىپتۇ! ئۇندىن باشقا يەنە قانچىلىك ئوق ئېتىلدى، خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بۇ مىشەكلەرنى قولىغا ئېلىپ بىرئازدىن كېيىن يەنە جايىغا تاشلاپ قويۇپتۇ.»

ئابدۇلباسىتقا خەنزۇ ساقچىلار ئوق چىقارغان

بېلىقىز ئۇكىسى ئابدۇلباسىتنىڭ دوستلىرىدىن يەنە مۇنۇلارنى ئاڭلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

«ئۇلار ئىككىسى نەق مەيداندىن 40 مېتىردەك كېلىدىغان بىر ئازگالدا مۆكۈنۈپ يېتىپ ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپتۇ. ئاي تولغان ۋاقىت بولغاچقا، ساقچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەنزۇلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئادەتتە قاتناش ۋە خەلق ساقچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار بار بولسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە ئەترەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ. ئۇلار ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرۇپ كوچا چارلايدۇ».

شاھىتلاردىن ئابدۇلباسىتنىڭ دوستى مەردان ۋە بىر دېھقان غايىب بولغان

بېلىقىز يەنە مۇنۇلارنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى:

«ئۇكام ئابدۇلباسىت بىلەن بىر موتسىكلىتقا مىنگەشكەن ئىككىيلەن قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا قوراللىق ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىغا مىنگەشكەن دوستى شۇ يەردىلا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنى ساقچىلار نەق مەيداندا تۇتقان ئىكەن، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. موتسىكلىتتا داۋاملىق قاچقان ئۇكام بىلەن ئۇنىڭ دوستى مەردان ئاخىرى قوراللىق ساقچى ئاپتوموبىلىدىن ئېتىلغان ئوقنىڭ زەربىسىدە يىقىلغان ئوخشايدۇ. دەسلەپكى ئوق ئۇكامنىڭ پۇتىغا تەگكەن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىزدەپ كەلگەن ئۇكامنىڭ يەنە بىر موتسىكلىتتىكى ئىككى دوستى مۆكۈنۈپ يېتىپ ساقچىلارنىڭ ئېغىر يارىلانغان مەرداننى كۆتۈرۈپ ھەربىي ئاپتوموبىلغا تاشلىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئەمما ئۇكامنى كۆرمەپتۇ. مەردان شۇ پېتى ئىز-دېرەكسىز غايىب بوپتۇ.»

بېلىقىز كىشىلەردىن شۇ كۈنى كېچىسى نەق مەيداننى كۆرگەن بىر دېھقاننىڭمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

«كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، شۇ كېچىسى بىر دېھقان ئاي نۇرىدا يەر سۇغۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ پاراسلاپ ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نېمە بولغاندۇ دەپ يۈگۈرۈپ كەپتۇ ۋە ساقچىلارنىڭ ئازگالدا ئۆمىلەپ ياتقان ئابدۇلباسىتقا قارىتىپ ئوق چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ دېھقانمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنى بىلىدىغان كىشى يوق.»

ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتى ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان

ئابدۇلباسىتنىڭ دوستى بېلىقىزغا يەنە مۇنۇلارنى ئېيتقان:

«شۇ كۈنى بىز قانلىق ئازگالدىن كەينىمىزگە قايتىپ ناھىيە بازىرىغا يېنىپ كەلدۇق. مەرداننى ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئابدۇلباسىتنى كۆرمىگەچكە، بەلكىم ئۇ بىرەر جايغا يوشۇرۇنۇۋالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدۇق. ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كەلسەك ئەتراپنى قوراللىق ساقچىلار قاپلاپ كېتىپتۇ. بىز ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىلدىن بىرىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ھارۋىغا بېسىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئارقىدىن دوختۇرخانا زالىغا كىرىشىمىزگە ھېلىقى كېسەل ھارۋىسىدا ياتقان بالىنىڭ ئابدۇلباسىت ئىكەنلىكىنى، بەدىنىنىڭ قان بولۇپ كەتكەنلىكى كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق. لېفىت ئېچىلىپ ئۇنى ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. قارىساق زالنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇنىڭ قان بولۇپ كەتكەن چاپىنى تۇرىدۇ. يۈگۈرگەن پېتىمىز پەلەمپەي بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىشىمىزغا ئىككى ساقچى پەيدا بولۇپ بىزنى تۇتتى ۋە ساقچىخانىغا ئېلىپ باردى. ئۇلار بىزنىڭ تېلېفونلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ بىر كېچە سولاپ قويدى. ئەتىسى سەھەردە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزنى ھېچكىمگە دېمەسلىكىمىزنى ئېيتىپ ئاندىن قويۇپ بەردى.»

بېلىقىزنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بىر كېچە قامىلىپ ئەتىسى قويۇپ بېرىلگەن ئابدۇلباسىتنىڭ بۇ ئىككى دوستى ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ يەنە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.