ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: «خەلق ناھەقچىلىككە چىدىماي نامايىش قىلدى»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.04.30
kelpin-yash-etip-olturulgen-1.jpg قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ مېيىتىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇر جامائەت. 2014-يىلى 13-ئاپرېل، كەلپىن.
Social Media

مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئۇنىڭ ئاپىسى ئامىنەم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاچىسى بېلىقىز ۋە ئىلگىرىكى تام قوشنىسى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك قاتارلىق كىشىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

ئامىنەم: «ئوغلۇم تېخى پىشمىغان سويمىدەك بىر بالا ئىدى!»

ئابدۇلباسىتنىڭ ئاپىسى ئامىنەم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئوغلى ئېتىۋېتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«ھازىر يولدىشىم ۋە مەن تەرەپتىن بولۇپ 40-50 تەك ئەر كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتتى. ئۇلارنى نامايىش قىلدىڭ، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقتىڭ، قۇتراتقۇلۇق قىلدىڭ دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تۇتتى. ھازىر ئەتراپىمدا ھېچ بىر ئەر تۇغقانلىرىم قالمىغاچقا، بالامنىڭ يەتتە نەزىرىنى بېرىشكىمۇ ئامال بولمىدى. نامايىش قىلغانلار ئىچىدە يالغۇز تۇغقانلىرىملا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىز تونۇمايدىغان ۋە بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھەقچىلىككە چىدىمىدى. ئوغلۇم تېخى خام سويمىدەك بىر بالا ئىدى، ئۇنى قاراپ تۇرۇپ بىرقانچە پاي ئوق بىلەن ئېتىۋېتىشى ئەل-جامائەتنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.»

ئامىنەم يەنە مۇنداق دېدى:
«ئوغلۇم 9-سىنىپنى تۈگىتىپلا ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ياردەم قىلىمەن دەپ ئوقۇشتىن توختىغان ئىدى. مەن ئۇنى زەرگەرچىلىكنى ئۆگەنگىن دېگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا كۆپ مەبلىغىمىز يوق دەپ ئۇششاق تىجارەتنى باشلىغان ئىدى. ھەر ئازنا كۈنى ئاقسۇغا بېرىپ مال ئېلىپ كېلىپ كەلپىننىڭ يەكشەنبە بازىرىدا ساتاتتى. ھەر ھەپتىدە 2-3 مىڭ سوملۇق مالنى ئايلاندۇرۇپ تۇراتتى. ئاشۇ شەنبە كۈنى ئوغلۇم ئاقسۇدىن قايتىپ كېلىپلا دوستلىرى بىلەن ئۆيگە كىردى. چاي ئىچىپ بىرەر سائەت پاراڭلاشقاندىن كېيىن سىرتنى ئايلىنىپ كېلەيلى دەپ دوستلىرى بىلەن بىللە چىقىپ كەتكەن ئىدى. مانا ھازىر ئۇنىڭ قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكىنىمۇ بىلمەي ئولتۇرىمەن. ئۇنىڭ كۆمۈلگەن يېرىنى بولسىمۇ ماڭا دەپ بېرىڭلار، بېشىنى يوقلاپ ياد ئېتەي دېسەم ھۆكۈمەت ئۇنىمىدى.»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ھازىر ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈمى بىر ياقتا قېلىپ، پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرت-جامائەتنىڭ دەردى ھەممىمىزنى قىينىماقتا. تۇتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەردىن ئىز-دېرەك يوق، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاقسۇغا ئاپىرىپ قامىدى دەپ ئاڭلايمىز. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە، ئۇلارغا ئاچ-تاماق سۇنۇشىمىزغا ۋە يوتقان-كۆرپە بېرىشىمىزگىمۇ يول قويمىدى. قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىم كۆڭۈل سوراپ كەلگەن ئىدى، ئۇلارنىمۇ مەجبۇرىي كەتكۈزۈۋەتتى. ھازىر كىچىك ئوغلۇم ۋە قوشنىلىرىم بىلەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئولتۇرىمەن. بۇندىن كېيىن كۈنلىرىمنى ئۈچ ۋاقنىڭ ئورنىغا بىر ۋاق تاماق يەپ ئۆتكۈزەرمەن…»

بېلىقىز ئابلىمىت: «خەلق ناھەقچىلىككە چىدىماي نامايىش قىلدى!»

ئابدۇلباسىتنىڭ ئاچىسى بېلىقىزمۇ ئۆزىنىڭ كەلپىندە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«مەن ئەسلىدە كەلپىندە 15-20 كۈن تۇرۇپ ئاندىن قايتىپ كېلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇكامنىڭ ئۆلۈمىگە 4 كۈن بولغاندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مېنى ئېلىپ كەتكىلى ئادەم كەپتۇ. كەلپىن تەرەپتىنمۇ مېنى دەرھال ئېلىپ كېتىش توغرىلىق گەپ قىلغان ئوخشايدۇ. ئۇلار بەلكىم مېنى بۇ ئىش توغرىلىقى غوۋغا كۆتۈرىدۇ دەپ ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. يول بويى ماڭا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ ماڭدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن مېنى مەكتەپكە كىرگىلى قويماي سىرتتىكى بىر مېھمانخانىدا تۇرغۇزدى. ياتاقتىن چىقماسلىقىمنى، تېلېفوندا بۇ توغرىلىق گەپ قىلماسلىقىمنى ئۇقتۇردى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«يېزىمىزدىن كۈندە بىر-ئىككىدىن ئادەم تۇتۇۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ نەگە قامالغانلىقى ۋە قاچان قايتىپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ھازىر ھۆكۈمەت ئۇكامنىڭ ئۆلۈمى توغرىلىق ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەستىن بەلكى بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدىڭلار دەپ خەلقنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن قوزغىلىپ چىقىدۇ؟ ئېنىقكى، خەلق بۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي نامايىش قىلدى!»

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك: «ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈمى تراگېدىيە ئۈستىگە تراگېدىيە بولدى!»

ئاخىرىدا بىز ئىلگىرى ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەلپىندە تام قوشنا ياشىغان، ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرچە «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» نى ماڭدۇرۇۋاتقان ئابدۇراھمان ئۆزتۈركنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«بىزنىڭ ئائىلىمىز مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تام قوشنا ئىدى. بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى. مەن كەلپىندىن ئايرىلغاندا ئابدۇلباسىت تېخى 5-6 ياشلاردىكى بىر بالا ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئابلىمىتنى ياخشى بىلىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كەلپىندىكى دىنىي بىلىمى يۇقىرى ياشلارنىڭ بىرى ئىدى. ۋەتەندە دىنىي بىلىم ئېلىش قىيىنلاشقان كۈنلەردە ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىپ كەتكەن، كېيىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. مانا ھازىر ئابدۇلباسىتمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى. بۇ تىراگېدىيەنىڭ ئۈستىگە تراگېدىيە بولدى!»

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك يەنە مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىشتىن مەن قاتتىق شۈبھىلەندىم. چۈنكى كەلپىندە ئۇزاقتىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئىش چىقىپ باقمىغان. ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بىر بالىنى قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئائىلىسىگە تاشلاپ بېرىشنىڭ ئۆزى ھەممە كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن بولسا، ئابدۇلباسىتنىڭ ئوقتىن تىتىلىپ كەتكەن جەسىتىنى ئائىلىسىگە بەرمەيلا كۆمۈپ تاشلىغان بولاتتى. مېنىڭچە، ئۇلار بۇ ئىش ئارقىلىق خەلقنىڭ غەزىپىنى قەستەن قوزغاپ، يەرلىك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ راينى بىلىپ باقماقچى بولغان. ئاخىرىدا بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلغان نۇرغۇن ئەركەكلەرنى تۇتۇش مەقسىتىگە يەتكەن دەپ ئويلايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.