كېرەمباغ دوختۇرخانا مەسئۇلى: ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى دېيەلمەيمەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.09.18
Qeshqerni-cheqish-xitay-pilani-orunliniwatidu-305.jpg "ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ"ﻧﯩﯔ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ "ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ngm.nationalgeographic.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كېرەمباغ دوختۇرخانا بىناسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن چاتاق چىقىپ، بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. تۈنۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋاغ ساقچىخانا باشلىقى ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى، پەقەت 10 كىشىنىڭ يېنىك دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىلگىرىلەپ سۈرۈشتە قىلىشى داۋامىدا، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ۋەقەدە 7-8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 20 نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولسا، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئالاقىدار ئىشلارغا ئۆزى مەسئۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن زىيان-زەخمەتنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇ «ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى» دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن سۆھبەت

خادىم: قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى؟
مۇخبىر: كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە مەلۇمات ئالماقچى ئىدىم؟
خادىم: ئۇ بىنا ئۆرۈلگەن ۋەقە ئەمەس؛ بىنانىڭ جازىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىش.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلۈپ، قانچە ئادەم يارىلاندى؟
خادىم: بۇ ھەقتە 120 گە (دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە) تېلېفون قىلىڭ، بىز سىزگە بۇ مەلۇماتنى دەپ بېرەلمەيمىز.

كېرەمباغ 1-دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى بىلەن سۆھبەت

مۇخبىر: بۇ كېرەمباغ يەنى 1-دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىمۇ؟
خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: ئۆتكەنكى بىنانىڭ جازىسى يىقىلىپ چۈشكەن ۋەقەدە سىلەرنىڭ دوختۇرخانىنىڭ سېسترالىرىمۇ يارىلاندى دەپ ئاڭلىدۇق، ئۇلار كىملەر؟
خادىم: ئۇ كۈنى مەن ئىشلىمىگەنتىم، بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيمەن.

مۇخبىر: ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنىمۇ بىلمەمسىز؟
خادىم: ئۇنىمۇ بىلمەيمەن، بۇ ئىشلارنى دوختۇرخانا كەسپىي ئىشلار مۇدىرى قاسىمجان جۇرىندىن سوراڭ.

دوھتۇرخانا باشلىق بىلەن سۆھبەت

مۇخبىر: سىز، قاسىمجانمۇ، دوختۇرخانىنىڭ كەسپىي ئىشلار مۇدىرى شۇنداقمۇ؟
خادىم: ھە، مەن شۇ.

مۇخبىر: ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىمەن، سىزدىن بىر ئەھۋالنى ئىگىلەپ باقماقچىدىم، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالامسىز؟
خادىم: بولىدۇ، بولىدۇ.

مۇخبىر: يېقىندا سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن بىنانىڭ جازىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قانچە كىشى ئۆلۈپ، قانچە كىشى يارىلاندى؟
خادىم: مەن سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق.

مۇخبىر: ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟
خادىم: خەۋىرىم بولدى، بوران چىقىپ جازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ دەپ.

مۇخبىر: تەۋەلىكتىكى ساقچىخانا باشلىقىدىن سورىساق، ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى، دېدى، بىزگە كەلگەن ئىنكاستا 10 نەچچە ئادەم ئۆلدى دېگەن گەپ بار. سىز «ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى» دېيەلەمسىز؟
خادىم: ياق، ئۇنداقمۇ دېيەلمەيمەن.

مۇخبىر: دوختۇرخاناڭلاردا كىم بىلەن ئالاقىلەشسەم، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالالىشىم مۇمكىن؟
خادىم: كەسپىي بۆلۈمىمىزنىڭ ۋۇ جۇرىن دەپ يەنە بىر مۇدىرى بار، شۇ بىلىدىغۇ دەيمەن.

مۇخبىر: شۇ كىشىنىڭ تېلېفونىنى سوراشقا بولامدۇ؟
خادىم: كەچۈرۈڭ ئۇنىمۇ دەپ بېرەلمەيمەن.

ياۋاغ ئاھالىسى بىلەن سۆھبەت 1

مۇخبىر: بۇ، ياۋاغدىكى بىر ئۆينىڭ تېلېفونىغۇ دەيمەن؟
ئاھالە: شۇنداق.

مۇخبىر: كېرەمباغ دوختۇرخانىسى بىلەن ئارىلىقىڭلار قانچىلىك؟
خادىم: بىر كىلومېتىر.

مۇخبىر: دوختۇرخانا بىناسىنىڭ جازىسى ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە قانچە كىشى ئۆلگەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟
ئاھالە: بىر كىشى ئۆلدى، 3 كىشى خەتەر ئاستىدا، يەنە باشقا يارىدارلار بار دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: ئۆلگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟
ئاھالە: بەشكېرەملىك ئادەمكەن دەپ ئاڭلىدۇق، كېسەل بېقىۋاتقان.

ياۋاغ ئاھالىسى بىلەن سۆھبەت 2

مۇخبىر: بۇ ياۋاغدىكى بىر ئۆينىڭ تېلېفونىغۇ دەيمەن؟
ئاھالە: شۇنداق.

مۇخبىر: دوختۇرخانىدىكى بىنا ۋەقەسىدە قانچە كىشى ئۆلدى دەپ ئاڭلىدىڭلار؟
ئاھالە: 7-8 كىشى ئۆلدى، 20 نەچچە كىشى يارىلاندى دەپ ئاڭلىدۇق. ئۆلگەن، يارىلانغانلار كېسەللەر، كېسەل بېقىۋاتقانلار ۋە كېسەل يوقلىغىلى كەلگەنلەر ئىكەن.

مۇخبىر: بىنانىڭ ئورنى قانداق يەردە ئىكەن؟
ئاھالە: دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدە.

مۇخبىر: بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزدە، يارىلانغان ئادەم سانى 10 دېگەن بىر مەلۇمات بار، ئاندىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 40 دېگەن بىر مەلۇمات بار.
ئاھالە: تۈنۈگۈن مەن بىر ئىش بىلەن دوختۇرخانىغا بارغان. ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى كۆردۈم، شۇ بىنانىڭ جازىسىنىڭ ئالدى ناھايىتى جىق ئادەم ئۆتۈپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، بىر رەت ئەمەس، ھەتتا 2-3 رەت بولۇپ توختىماي ئادەم ئۆتۈپ تۇرىدىكەن، مېنىڭ شۇ يەردىن ئۆتكەن ۋاقتىم، نامازشامدىن كېيىن، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە شۇ جازا يىقىلسا ئاز دېگەندىمۇ 20-30 ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن،يارىلانغانلار ئۇيغۇرلارمىكەن ياكى خەنلەرمۇ بارمىكىن.
ئاھالە: تەپسىلىي ئۇقمايمەن، ئەمما بۇ دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى تەۋەلىكتە ھەم دوختۇرخانىغا كىرىپ-چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ 99% ئى ئۇيغۇر.

مۇخبىر: قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭمىدۇ، خەنلەرنىڭمىدۇ؟
ئاھالە: بۇرۇنلاردا قەشقەردە ئۇيغۇر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى بولىدىغان، يېقىنقى يىللاردىن بىرى، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلاردىن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى يوق، بولۇپمۇ 20 قەۋەتلىك بىنانىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددە ئالىدىغان.

يۇقىرىدا، قۇرۇلۇشى داۋام قىلىۋاتقان كېرەمباغ دوختۇرخانىسى بىناسىنىڭ جازىسى ئۆرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئىگىلىگەن يېڭى مەلۇماتلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.