خىتاي دائىرىلىرى غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنى يېپىق سوتلىماقچىكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.03.29
patigul-ghulam-305.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA/Shohret Hoshur

5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى، غايىبلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىلى پاتىگۈل غۇلام خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئومىز زىيارىتىنى ئاخىرقى قېتىم 2014-يىلى 15‏-ئاپرېل قوبۇل قىلغان ئىدى، شۇ چاغدا ئۇ، ساقچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىر بىلەن كۆرۈشسە قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى شۇنداقلا ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ تۈردىكى سوراق ۋە تەھدىتلەر كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى. پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرىنىڭ يېقىندا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئالاقىمىز ئۈزۈلگەن بۇ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا پاتىگۈل غۇلام خانىم خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇنىدا بولۇپ، دائىرىلەر 7-ئاپرېل غايىب پاتىگۈل غۇلام ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىش ئالدىدا ئىكەن.

دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك تەھدىت ۋە سوراقلىرىغا قارىماي، ئىزچىل ھالدا ئەركىن ئاسىيا رادىئومىز ۋە باشقا چەتئەل ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ 5-ئىيۇلدا غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەرزى ۋە دەردىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن پاتىگۈل غۇلام، 2014-يىلى 15-ئاپرېل ئاخىرقى قېتىملىق زىيارىتىمىزدە، 9-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مېڭشەن بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، ۋاڭ مېڭشەننىڭ غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يەنە ئەخمەق قىلىپ «بالىلىرىڭلارنى تېخىچە ئىزدەۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى ۋە گېرمانىيەدە غايىبلار ھەققىدە يىغىن ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دۇنيادا بىز ئۈچۈنمۇ باش قاتۇرىدىغان، بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدىغان، ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتە قىلىدىغان، بىر ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتسە، بۇ نەگە كەتتى، بۇنىڭغا نېمە بولدى دەپ سورايدىغان بىر ئورۇن، بىر تەشكىلات ۋە كىشىلەر بارلىقىنى ئۇقۇپ بەكلا خوش بولدۇم، دەپ بىلدۈرگەن ئىدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ خۇددى ئوغلىدەكلا غايىب بولغان ئىدى.

ئىككى يىلغا يېقىن ئىز-دېرىكى بولمىغان پاتىگۈل خانىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى، نام شەرىپىنى ئېلان قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئۆزى ئاڭلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدە پاتىگۈل غۇلام خانىم ئۈستىدىن 7-ئاپرېل يېپىق سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاتىگۈل غۇلام 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 27‏-كۈنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان. ئۇ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ 3 پەرزەنتىمۇ داۋاملىق ساقچىلارنىڭ بېسىملىرى ۋە كۆزىتىشى ئاستىدا بولۇپ، يېقىنقى ئايلاردا دائىرىلەر ئۇلارنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئەھۋالنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى ئاستىدا ئانىسى پاتىگۈل غۇلام بىلەن ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى ئالغان ساقچى بۇ ھەقتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز يەنە پاتىگۈل غۇلام ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىكنى باشقۇرىدىغان باخۇلياڭ مەھەللە باشقۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ چوڭ ئوغلى ئىماممەمەت ئېلى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا قاتنىشىدۇ، ئارىدىن 9 كۈن ئۆتكەندە ئىشىك ئالدىدا دوستلىرى بىلەن تۇرغىنىدا قارا كىيىملىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ ۋە ئىككى ئايغىچە ھېچنەدىن سادا چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئەڭ ئاۋۋال ئۆز تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغا ۋە ئارقىدىن 10 قاماقخانىغا بېرىپ ئىماممەمەت ئېلى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمايدۇ؛ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىنمۇ جاۋاب ئالالمىغان پاتىگۈل ئۆزىگە ئوخشاش بىر گۇرۇپپا غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن بېيجىڭغا كۆپ قېتىم ئەرز قىلىپ بارىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇلارنى قوبۇل قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.

ئىماممەمەت ئېلى قاتارلىق 5-ئىيۇل غايىبلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي تەرەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. پاتىگۈل غۇلام ئوغلىنىڭ قېيىن-قىستاقتا ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ قارشىلىق بىلدۈرىدۇ، شۇ كۈنگىچە ئۆزىنى ئالدىغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان ساقچىلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئىليار ئىسىملىك بىر ساقچىنى تىللىغانلىقى ئۈچۈن، 7 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئىلگىرى ئېيتىشىچە، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى سوراق قىلىش جەريانىدا ھەتتا ئۈنسىن خاتىرىسىنى قالدۇرغان. ئەمما پاتىگۈل بۇرۇن جاۋاب بەرگەندەك، بالىسىنىڭ ئۇچۇرى بېرىلسە، مۇخبىر قوبۇل قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاخىرقى قېتىمقى سۆھبىتىمىزدە پاتىگۈل خانىم ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى كۈتكەن ھالدا ئۆزىنىڭ بىر مەھەل ئاخباراتقا سۆز قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى:

پاتىگۈل: بۇلارغا تېلېفونۇمنى كېسىۋېتىڭلار دېگەنتىم، سىزگە يەنە ئۇلاپ بېرىپتۇ، نېمە قىلغىنىكىن-تاڭ بۇلارنىڭ؟

مۇخبىر: تېلېفوننى ئېتىپ قويۇش بىلەن بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ، بەلكىم.

پاتىگۈل: شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مېنى سىز بىلەن كۆرۈشمەيسەن دەيدۇ. دۇنيادا مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلاۋاتقان بىردىن-بىر كىشى سىز تۇرسىڭىز....

مۇخبىر: پاتىگۈل خانىم، بىر مەزگىل شۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ بېقىڭ، كۆرۈشمەي باقايلى....

پاتىگۈل: خەق يىتىپ كەتكەن بىر ئىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتسا، مەن يۈرەك پارەمدىن قانداق ۋاز كېچەلەيمەن؟!!!

مۇخبىر: بۇ ھەرگىز بالىڭىزدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، پەقەت بالىڭىزنى ئىزدەش ئۇسۇلىڭىزدىن ۋاز كەچكەنلىك. يەنى ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتكەنلىك.

پاتىگۈل: شۇنداق قىلاي، «ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىدۇ، كۈت» دېگەن گېپى بويىچە بىر مەزگىل كۈتۈپ باقاي.

مۇخبىر: ئەمىسە سىزگە يەنە سەۋر ۋە غەيرەت تىلەيمىز.

پاتىگۈل: رەھمەت سىلەرگە! سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن!

پاتىگۈل غۇلامنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، پاتىگۈل غۇلامغا دائىرىلەر بېكىتكەن ئادۋوكات 7-ئاپرېل ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ يېپىق سوتىغا ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، پاتىگۈل غۇلامنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ بولسىمۇ سوتقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە جاۋاب كەلمىگەن شۇنداقلا پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېغزىدىن قاچۇرغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، پاتىگۈل غۇلامغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش»، «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.