توقسۇ زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى ئىككى ئايال پىدائىيدىن بىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى
2014.01.30
خىتاي ئاخباراتى توقسۇدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 17 پىدائىيدىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئايال ۋە گۇرۇپپا يېتەكچىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئىبراھىم قاھار ئىكەنلىكىدىن باشقا، كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئىككى نەپەر ئايال پىدائىيدىن بىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ئايال پىدائىينىڭ ئىسمى مارىگۈل ئىسمائىل، توقسۇنىڭ ئىچېرىق يېزا ئازنا بازار كەنتىدىن. بىر پەرزەنت ئانىسى بولغان ۋە بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن مارىگۈل ئىسمائىلنىڭ ۋەقەدىن بىر مەھەل ئىلگىرى توقسۇ بازىرىدا كىيىم تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم.
بىز 17 نەپەر پىدائىينىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە، توقسۇنىڭ ئىچئېرىق، ئۆگەن ۋە پەيشەنبە بازار ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سورالغان مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىتلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز ۋەقەنىڭ شىنخۇا ۋە تەڭرىتاغ تورلىرىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگىنىمىزدە، ئۆگەن ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى گۇماندارلار ئىچىدىكى ئىككى ئايالنىڭ بىرىنىڭ ئۆگەن يېزىسىدىن، يەنە بىرىنىڭ بولسا ئىچئېرىق يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى؛ ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمى قاتارلىق كىملىك مەلۇماتلىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ئىچئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئايال گۇمانداردىن بىرىنىڭ 28 ياشلىق مارىگۈل ئىسمائىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە مارىگۈل ئىسمائىل ئىچئېرىق يېزىسىنىڭ ئازنا بازار كەنتىدىن. ئۇنىڭ دادىسى يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر 6-ئايدا ۋاپات بولغان. ئانىسى كومپارتىيە ئەزاسى ۋە دەم ئېلىشقا چىققان كەنت كادىرى.
مارىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ ساقچىلارغا بايان قىلىشىچە، مارىگۈل ئىلگىرى توقسۇ بازىرىدا كىيىم تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ساقچى باشلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مارىگۈلنىڭ بىر بالىسى بارلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر مەھەل ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە يولدىشى بىلەن بىرلىكتە ياكى ئايرىم قېتىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مارىگۈلنىڭ يەنە بىر ئاكا، بىر سىڭلىسى بار بولۇپ، ئائىلىدە ئۈچ قېرىنداش.
ئايال پىدائىي مارىگۈل ئىسمائىلنىڭ 17 نەپەر پىدائىي ئىچىدە، ئېتىۋېتىلگەنلەر ياكى تۇتۇلغانلار ئارىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.