تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە 81 خىتاي پۇقراسى ئالدامچىلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-06-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە تۇتۇلغان 81 ئالدامچى خىتاي پۇقراسىنىڭ 4 نەپىرى. 2016-يىلى 30-ماي، تۈركىيە.
تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە تۇتۇلغان 81 ئالدامچى خىتاي پۇقراسىنىڭ 4 نەپىرى. 2016-يىلى 30-ماي، تۈركىيە.
Adadolu Agentliqi

تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 81 نەپەر خىتاي پۇقراسى، تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە بانكا كارتىلىرىنى نۇسخىلاپ كۆپ كىشىنىڭ بانكىدىكى پۇلىنى ئوغرىلاش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى. مەزكۇر تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپى خىتاي پۇقراسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەيۋەن پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي مىللىتىدىن ئىكەن.

ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 3-چوڭ شەھىرى بولغان ئىزمىر شەھىرىنىڭ ئۇرلا رايونىدا، بانكىلارنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇچىغا كارتا نۇسخىلاش ئاپاراتى ئورنىتىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان ساقچى، بۇ بانكىلارنى كۆزىتىشكە باشلىغان. كارت نۇسخىلاش ئاپپاراتىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بايقىغان تۈرك ساقچىلىرى، ئۇلارنى كۆزىتىپ، ئاخىرى ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئاختۇرغان. ساقچى ئۇرلادىكى ئىتوكەنت ئائىلە قورۇسىدا ئىجارە ئالغان ئۆيدە ئون ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 81 نەپەر خىتاي مىللىتىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ساقچىلار، خىتايلار تۇرۇۋاتقان ئۆينى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئۆيدىن كۆپ ساندا بانكا كارتىنى ئوقۇش ۋە نۇسخىلاش ئۈسكۈنىلىرى، كۆپ ساندا يانفون، كومپيۇتېر، سىمسىز تېلېفونلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇتۇلغان بۇ 81 ئادەمنىڭ جەمئىي 3000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇچى بانكا كارتىنى نۇسخىلىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئۇرلا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەر تۈركىيەدە تۇرۇپ خىتاي ۋە تەيۋەندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تېلېفون ئارقىلىق ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر 81 ئادەمنىڭ ئىچىدە 77 نەپىرى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىزمىر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. يېشى كىچىك 4 گۇماندار بولسا ئۇرلا سوت ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئەمما، يۇقىرىقى 81 ئادەمگە ئاخىرقى ھېسابتا قانداق جىنايەت ئارتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرىشى تېخى نامەلۇم.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى 81 نەپەر خىتاي پۇقراسىغا ئائىت مۇنداق ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلاردا ۋە جامائەتتە تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي پۇقرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

مەلۇمكى، تۈركىيە-خىتاي سودا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدە خىتاي شىركەتلىرى كۆپەيمەكتە ۋە خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيەدە بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئېلىش، سۇ ئامبىرى ياساش، تۆمۈر يول ياساش، ئاشخانا ئېچىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ئىككى دۆلەت سودىسىمۇ يىلدىن ‏- يىلغا ئاشماقتا. نەتىجىدە، ئىچكىرى خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىپ سودا-تىجارەت ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىنىڭمۇ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئالىي ئىنژېنېر ۋە يازغۇچى قادىر توسۇن ئەپەندى مەزكۇر 81 نەپەر خىتاي كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئالدامچىلىق، يەنى بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىنىشى ۋە تۈرلۈك ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تۈركىيە جامائىتىدە خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا سەلبىي چۈشەنچىلەرنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: « خىتايلار تۈركىيەدە ياخشى بىلىنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى تارىختىن ياخشى بىلىمىز، ئەمما مىڭ يىلدىن بېرى ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بولغاچقا ئۇنۇتتۇق. بىز خىتايلارنى ئۇزاقتىكى دوستىمىز دەپ بىلىمىز. مەتبۇئاتلاردا بۇنداق خەۋەرلەر كۆپلەپ چىقسا خىتايلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئىزمىر شەھىرىدىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقى، يەنى خىتاي دۆلىتىدە نامرات كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئارىسىدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مەزكۇر 81 خىتاي پۇقراسىنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ تۈركىيە جامائىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە تۈزۈمىنى ھەمدە تەرەققىيات پاراۋانلىقىنى مەدھىيەلەپ قىلغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدە كۆپ ساندا خىتاي پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ كېتىشىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر 81 ئادەمنىڭ جىنايىتى مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئابرويىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرچە، مەزكۇر 81 خىتاي پۇقراسىنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىيە دائىرىلىرى ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ قانداق ئىنكاستا بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى.

پىكىرلەر (1)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت

دىلشات

تۇتقۇن قىلىندى دېگەن سۆز جايىدا ئىشلىتىلمەپتۇ. تىلىمىزدا ئاتالغۇلارنىڭ بۇنداق قالايمقان ئىشلىتىلىشىگە يول قويساق بولماس. بۇلار تۇتۇپ كېتىلگەن، ھەرگىزمۇ تۇتقۇن قىلىنمىغان. بۇلار دېگەن جىنايەت گۇماندارى، ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئالدامچىلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىندى دېسە خۇددى باشقىلار بۇلارنى ئاداپ تۇتقۇن قىلىۋالغاندەك مەنا بېرىدىكەن.

Jun 02, 2016 02:37 AM

تولۇق بەت