ئۇيغۇر ياش تۈرمىدىكى «بۆشۈككە بۆلەش» جازاسىنىڭ جەريانلىرىنى ئاشكارىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015.08.12
turmidiki-uyghur-soraq.jpg تۈرمىدە سوراق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياش.
uyhewer.biz

ئۇيغۇر دىيارىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە قاماققا مەھكۇم قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەر خىل جازالاش ئۇسۇللىرىدا قىيىن-قىستاقتا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

تۈرمىدىكى جازالاش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولۇپ، دائىرىلەر جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان «بۆشۈككە بۆلەش» جازاسى ئەڭ قەبىھلىرىدىن بىرى.

«بۆشۈككە بۆلەش» جازا مەيدانى، تۈرمە مەيدانىغا سىمونتتىن ياسالغان بۆشۈك شەكلىدىكى سۇپا بولۇپ، پۇت تەرىپى تىك شەكىلدە قىلىپ ياسالغان. جازالانغۇچى بۆشۈككە بۆلىگەندەك ياتقۇزۇلۇپ، بەدىنى مەھكەم باغلىنىدىكەن. چوڭ-كىچىك تەرەتلىرى جايىدا، ئىككى ۋاق يېمەك-ئىچمىكى ئېغزىدىن قويۇلىدىكەن.

بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلىدا ئىسسىق ھاۋا ۋە چوڭ-كىچىك تەرەتلىرى سەۋەبلىك، جازالانغانلارنىڭ بەدەنلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېسىشقا باشلايدىكەن. باش ئەگمىگەنلەر شۇ ھالەتتە قاتتىق تاياق بىلەن دۇمبالىنىدىكەن.

گۇمان بىلەن خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان، كېيىن ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ ماكانلاشقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1999‏-يىلى 4-ئايلار مەزگىلىدە قەشقەر مارالبېشىنىڭ قارا قېچىن تۈرمىسىدە ئۆزى شاھىت بولغان «بۆشۈككە بۆلەش» جازاسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەھۋالىنى ھەمدە تۈرمىدىكى قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلاتتى.

بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش مەقسىتىدە مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ قارا قېچىن تۈرمىسىگە تېلېفون ئۇرغان بولساقمۇ دائىرىلەر تېلېفوننى ئۇلاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دەۋەت-تەشۋىقات مۇدىرى ھۈسەيىن تەجەللى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تۈرمىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.