يارىدار تۇرامەت تۇرسۇنغا ھېسداشلىق قىلغان ساقچى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.04.14
charlash-uyghur-saqchi.jpg كوچا چارلاۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.
AFP

ئاشكارىلىنىشىچە، 2014-يىلى پوسكام ئىككىسۇ ساقچىخانىسىدا ئېتىۋېتىلگەن تۇرامەت تۇرسۇن يارىدار ھالەتتە ئىككى سائەتكىچە ساقچىخانىدا ساقلانغان.

قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قىلىش ياكى ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن تۇرامەت تۇرسۇننى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى تەۋسىيە قىلغان ساقچى خادىمى ئوبۇل تۇنياز، بۇ قىلغىنى ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئېتىۋېتىلگەن تۇرامەت تۇرسۇن ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ ئوق تەگكەندىن كېيىن دەرھال جان ئۈزمىگەنلىكى، يارىدار ھالەتتە ئىككى سائەتكىچە يەنى جان ئۈزگۈچە ساقچىخانىدا ساقلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار، پىچاقتا يارىلانغان ساقچى خادىمى نۇرئەخمەتنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ئەمما يېتەرلىك قاتناش قورالى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بار تۇرۇقلۇق، تۇرامەت جايىدىن يۆتكەلمىگەن، ۋەقە ئۈستىدە بار بولغان ساقچى خادىمى ئوبۇل تۇنياز، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ تاكى سوت ھۆكۈمى چىققانغا قەدەر گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى، بۇنداق بولمىغاندا قانۇنىي تەرتىپنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقى ۋە ساقچىخانىغا گەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما بۇ گەپ ئېتىبارغا ئېلىنمىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئوبۇل تۇنيازنىڭ تەكلىپى ئەينى چاغدا ساقچىلار ئارىسىدا ئىككىلىنىش پەيدا قىلغان، ساقچىخانىدىكى بەزى ئۇيغۇر ساقچىلار، تۇرامەتنىڭ قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغان، خىتاي ساقچىلار بولسا ئۇنىڭغا نەپرەت تۇيغۇسى بىلەن پەرۋاسىز قارىغان.

دائىرىلەر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا تۇرامەت تۇرسۇننىڭ گۇماندارنى دوختۇرغا ئاپىرىش تەكلىپى «ھېسداشلىق قىلىش» دەپ قارالغان ۋە ئۇ «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ ساقچىخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان، رەسمىي دۆلەت خادىمى بولغان 27 ياشلىق ئوبۇل تۇنياز خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

خىتاي، خەلقئارا سەھنىلەردە ھەر ۋاقىت ئۇزلىرىنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىيغا چېتىشلىق ھەرقانداق بىر ۋەقەدە قانۇندىن ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەقەت ئاتالمىش « ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› نى باش كۆتۈرگۈزمەسلىك» تىن ئىبارەت سىياسىي شوئار ۋە سىياسىي قارار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.