ئابدۇراخمان تۆمۈر خىتايغا خىزمەت كۆرسەتكەن ۋەقەدە ئاز دېگەندە يەتتە كىشى ئۆلگەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلاردىن كېيىن، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلاردىن كېيىن، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

تۈنۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، خىتاينىڭ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ساقچى قەھرىمانى، گۇما ناھىيىسىنىڭ چودا يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى ئابدۇراخمان تۆمۈرنىڭ 2015-يىلى گۇمىدا يۈز بەرگەن «14-فېۋرال» ۋەقەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ تېلېفون زىيارىتى ۋە تور خەۋەر ئارخىپلىرىدىن ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە ئابدۇراخمان تۆمۈر تىلغا ئالغان مەزكۇر ۋەقەنىڭ رادىيومىز تەرىپىدىن 2015-يىلى 16-فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلىنغان گۇما پىيادىلەر كوچىسى ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئېھتىماللىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي ئاخباراتى پەقەتلا تىلغا ئالمىغان مەزكۇر ۋەقە رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ۋە ۋەقەدە ئاز دېگەندە 7 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىلانغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

بىز ئابدۇراخمان تۆمۈر يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 2015-يىلى يۈز بەرگەن 14-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ قايسى ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن گۇمىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. گۇمىدا ۋەقەنىڭ يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ساقچىلار مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. رادىيومىزنىڭ خىتايچە خەۋەر ئارخىپىدىكى 2015-يىلى 16-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شۇ ئاي جۈمە يەنى 13-فېۋرال كۈنى گۇما بازار ئىچىدە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 7 كىشى يارىلانغان. ئۇيغۇر بۆلۈمىمىزنىڭ ئەينى كۈندىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋەقەنىڭ گۇما كونابازار پىيادىلەر كوچىسىدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە يەتتە كىشى ئۆلۈپ، ئون نەچچە كىشى يارىلانغانلىقى دەلىللەنگەن. ئەمما، دائىرىلەر ئەينى كۈنلەردە ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كىملىكى ئاشكارىلانمىغان. بۇ ۋەقە ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ

گۇما كونا بازاردىكى پىيادىلەر كوچىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرىدە، ۋەقەنىڭ بومبىلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان؛ بەزى ئۇچۇرلاردا ۋەقەنىڭ ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش داۋامىدىكى زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىگۇناھ ئامما ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ئىككى يىلدىن بېرى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان گۇما پىيادىلەر كوچىسىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر قانلىق ۋەقە، بۇ قېتىم گۇما چودا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان تۆمۈرنىڭ مەملىكەتلىك قەھرىمان ساقچى بولۇپ مۇكاپاتلىنىشى، رادىيومىزنىڭ قايتا دىققىتىنى تارتتى. ئابدۇراخمان تىلغا ئالغان 14-فېۋرال ۋەقەسى بىلەن رادىيومىز شۇ يىلى 16-فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلغان پىيادىلەر كوچىسى ۋەقەسىنىڭ ۋاقىت پەرقى بىر كۈن بولسىمۇ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ۋاقىت پەرقى كۆزدە تۇتۇلسا، ئىككىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ۋەقە ئىكەنلىكى ئېھتىماللىقى ئاشكارىلانماقتا. ئەگەر ئىككىسى بىر ۋەقە بولغان تەقدىردە، ئابدۇراخمان تۆمۈرنىڭ ۋەقەدە ئوينىغان رولى سەۋەبلىك مەملىكەتلىك قەھرىمان بولۇپ باھالىنىشى ۋەقەنىڭ ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا دېيىلگەندەك چوڭلۇقى ۋە جىددىيلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى دۇنياغا تىنچ رايون قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ياكى ئۇيغۇر رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشقان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت