ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئوق يېگەن ساقچى باشلىقى ئەسقەر قۇددۇس يەنە ئۆستۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-06-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ساقچىلار، 2017-يىلى 19-ماي، ئۈرۈمچى
مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ساقچىلار، 2017-يىلى 19-ماي، ئۈرۈمچى
Photo: RFA

مۇكاپاتلانغان ساقچىلار ھەققىدىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئاتالمىش ساقچى قەھرىمان ئەسقەر قۇددۇسنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پۇتىغا ئوق تەگكەن ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يەكەن ناھىيىسى ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا مەسئۇل باشلىقلىق مەرتىۋىسىگە، ج خ ئىدارىسىنىڭ پارتكوم ھەيئىتى مەرتىۋىسى قېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇنى ئاشكارىلىغان يەكەندىكى ساقچى خادىملىرى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم مەملىكەتلىك نەمۇنىچى ساقچى بولۇشىغىمۇ ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە ئوق يېگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەسقەر قۇددۇسقا ئوق تەگكەنلىك ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ساقچى ساھەسىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىمۇ سىر تۇتقان. شۇڭا كۆپىنچە ساقچىلار، ئەسقەر قۇددۇسقا ئوق تەگكەنلىكىنى ئۇنىڭ سەپداش ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان بولسىمۇ، رەسمىي ھۆججەت-ماتېرىياللاردىن كۆرمىگەن ۋە ئۇنىڭ ئېنىق قەيىرىگە ئوق تەگكەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز قالغان. دۆڭباغ يېزىلىق بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئەسقەر قۇددۇسنىڭ پۇتىغا بىر پاي ئوق تەككەن. بازار ئىچىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئۆز ساقچىخانا باشلىقىدىن ئاڭلىشىچە، ئەسقەر قۇددۇسنىڭ زەخمىسى تېخى تەلتۆكۈس ساقايمىغان.

يەنە ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسقەر قۇددۇس ۋەقەدە ئوق تېگىپ يارىلانغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمىگەن، ئەكسىچە بۇنىڭ بىر قەستەنلىك ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى مەمنۇن قىلغان. ئەمما، يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە ئوق يېگەن دۆڭباغ يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن سېكرېتار ئابدۇغېنى تۇردى خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كاناي بىلەن سۆزلەپ ۋە پەرقلەندۈرۈشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇپمۇ جېنىنى ساقلىيالمىغان. بۇ ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرى شۇ يىلى رادىيومىزغا ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئەسقەر قۇددۇس ھەققىدە دەسلەپتە مەلۇمات بەرگەن ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەسلىدە يەكەن ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا مەسئۇل باشلىقى بولۇپ، ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە ئەسكەرلەردىن ئوق يېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەۋجۇت ۋەزىپىسىگە، پارتكوم ھەيئەت ئەزاسى ۋەزىپىسى قېتىلىپ، مەرتىۋىسى يەنە بىر بالداق ئۆسكەن. بۇ ئۇچۇر يەكەن ناھىيە بازار ئىچىدىكى بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.

ئەسقەر قۇددۇسنىڭ بۇ يىل نېمە ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە 10نەچچە ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەسقەر قۇددۇسنىڭ ئوق تېگىپ يارىلانغىنىدىن باشقا كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئىش-ئىزىنى دەپ بېرەلمىدى.

ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئەسقەر قۇددۇسنىڭ بۇ يىلقى مۇكاپاتلىنىشىغىمۇ، ئۇنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قارا-قويۇق ئوق چىقىرىشىدا زەخمىلەنگىنىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكى، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشى، ھەتتا ھادىسىنى خىتاي تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ماس ھالدا تەشۋىق قىلىشىپ بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت