خوتەندە ئۆيىنى دىن ئۆگەنگۈچىلەرگە بەرگەن نۇرنىساگۈل 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.06
cheqiwetilgen-meschit-jame.JPG شايار ناھىيەسىدە چېقىۋېتىلگەن مەسچىت. 2016-يىلى كۈز.
Oqurmen Teminligen

خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىكى تىجارەتچى نۇرنىساگۈل خانىم خوتەن شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۆيىنى دىن ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەنلىكى ئۈچۈن 6 يىللىق كېسىلگەن.

مۇشۇ خىل جازالار ھەققىدە بۈگۈن پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاش ئۈچۈن پەقەت باھانە-سەۋەب ئىزدەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئېغىر كېسىم ھەققىدە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خوتەننىڭ ئىلچى يېزا 4 ‏- كەنتىدىكى نۇرنىساگۈل ئىسىملىك بىر ئايالنىڭمۇ 6 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تىجارەتچى نۇرنىساگۈل خانىم 4 بالىنىڭ ئانىسى؛ ئۇ خوتەن شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۆيىنى دىن ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن ئىكەن.

ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قوللاش» دەپ ئەيىبلەنگەن. يەنە ئاھالىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، نۇرنىساگۈلنىڭ خوتەندىكى ئۆيىنى دىن ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىشى بۇنىڭدىن 7 يىلنىڭ ئاۋۋالقى ئىش ئىكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قاھار بارات ئەپەندى، نۇرنىساگۈلنىڭ ئەسلىدە جازالىنىدىغان ئەمەس، مۇكاپاتلىنىشقا مۇناسىپ كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى جازالاش، جازالىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى ئەتىۋارلاش ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنى دەۋرلەردىن قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قاھار ئەپەندى يەنە يېڭىساردا ئوغلىنى ھاراقتىن توسقان تۇرسۇن مەمەتنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقە ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يىللاردىن بېرى شەكىللەندۈرگەن زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا يەنە يېڭى زىددىيەتلەرنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل جازالار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەيۋە ۋە كۈچ كۆرسەتمەكتىكەن. ئەمما قاھار ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ چارىسى ئەمەس. بۇ بۇ تۈردىكى چارىلەر پەقەت ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى، يەنى قانۇنسىز تۇتقۇن ۋە جازالار، رايوندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن خوتەندە نۇرنىساگۈل ئىسىملىك بىر تىجارەتچى ئايالنىڭ بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇن ئۆيىنى دىن ئۆگەنگۈچىلەرگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن 6 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.