جاڭ لوڭ: خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خەيرىگۈلنىڭ ئۆلۈمىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى رەت قىلدى (2)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تيەنجىنلىك تۇڭگان جاڭ لوڭ خانىمى خەيرىگۈل ئۆمەر. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
تيەنجىنلىك تۇڭگان جاڭ لوڭ خانىمى خەيرىگۈل ئۆمەر. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Xeyrigül ömerning éri Jang Long teminligen

تيەنجىنلىك بىر تۇڭگان بىلەن توي قىلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ شەھەردە ياشاپ كېلىۋاتقان خەيرىگۈل ئۆمەر 2016-يىلى 19‏-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ دائىرلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

خەيرىگۈلنىڭ يولدىشى جاڭ لوڭنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ 2015‏-يىلى 9‏-ئايدا خەيرىگۈلنىڭ يۇرتى مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پاسپورت ئىلتىماس قىلىشى بىلەن باشلانغان. «چېگرادىن قانۇنسىز چىقىشقا ئۇرۇنغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان خەيرىگۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار باش ئەترىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قاماقخانىسىغا سولىنىدۇ.

ئۇ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ چىقىلىپ تەخمىنەن بىر ئايدەك بولغاندا دائىرىلەر ئۇنىڭ تيەنجىندىكى يولدىشىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خەيرىگۈلنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، ئۇنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

جاڭ لوڭ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپلا دەرھال ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن خەيرىگۈلنى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدىكى بىر تۈرمە دوختۇرخانىسىغا، ئارقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىگەن بولسىمۇ، بىراق كېسەلنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەچكە داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن. ئۇ، دوختۇرلارنىڭ خەيرىگۈلگە «ئاشقازان راكى ئاخىرقى باسقۇچى» دەپ دىئاگنوز قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاڭ لوڭ مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغاندا كەلدۇق. لېكىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قولىدىنمۇ باشقا ئامال كەلمەيتتى. چۈنكى، بىمار بەك كېچىككەن، داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بىمارنى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ، خىمىيىلىك داۋالاشنى تەكلىپ قىلدى. بىراق بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدە خىمىيىلىك داۋالاش مىللىي تىباتەتتە داۋالاشقا يەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈرۈمچىدە "بەخت يولى باغچىسى" قورۇسىدىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ بىر مەزگىل تۇردۇق. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى تيەنجىننىڭكىدىن ياخشىراق، يېمەك-ئىچمىكى نىسبەتەن بىخەتەر ئىدى. بۇ جەرياندا مەن بىر قانچە قېتىم تيەنجىنگە بېرىپ قايتتىم. بىر قېتىم ئامېرىكىغا چىقىپ، خيۇستوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنغا قاتنىشىپ كەلدىم. شىنجاڭدىكى ۋاقتىمىزدا خەيرىگۈلنىڭ تامىقى ئازىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر كۈنى ئاغرىقنىڭ دەردىدە قىينىلاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى باش ۋراچ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا ئايالىمنىڭ تامىقى تارتىلىپ، ئاخىردا ئاچلىقتىن ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تامىقى كۈندىن كۈنگە ئازىيىپ ماڭدى. ئاخىرى بىز 2016‏-يىلى 7‏-ئايدا تيەنجىنگە قايتىپ كەلدۇق».
جاڭ لوڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خەيرىگۈلنىڭ بۇرۇن ئاشقازان كېسىلى بار بولۇپ، ئۇ قىشنىڭ كۈنى تۈرمىدە سوغۇق سۇ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ، خەيرىگۈلنىڭ بۇ ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىدا ساقچى تەرەپنىڭ ئېغىر جاۋابكارلىقى بارلىقى، تۈرمىدىكى مۇئامىلە ئۇنى بۇ ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمە تەرەپ خەيرىگۈلنى داۋالاشقا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

جاڭ لوڭ، ئايالىنىڭ تيەنجىنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى 10 كۈندە تاماقتىن پۈتۈنلەي قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىمنىڭ 7‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 8‏-ئاينىڭ 19 ‏-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەھۋالىغا كەلسەم، دەسلەپكى چاغدا بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالغاندەك قىلدى. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئازراق بىر نەرسە يەيتتى. ئۇنىڭغا ئاساسەن سۈيۈق-سەلەڭ نەرسىلەرنى قىلىپ بېرەتتۇق. ئاخىرقى 10 كۈندە ھېچنېمە يېيەلمەس بولدى. پەقەت ئازراق سۇ ئىچەتتى. لېكىن، ئۇ شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھەر كۈنى ئېسىگە كەلسە ناماز ئوقۇيتتى. مەن بىر قەغەز قۇتىغا توپا قاچىلاپ ئەكىرىپ بەردىم. ئۇ شۇ توپىدا تەيياممۇم قىلىپ، ياتقان پېتى ناماز ئوقۇيتتى. بىردەمدىن كېيىن يەنە ھوشىدىن كېتەتتى. ئۇنىڭ قىزى بىر مىللىي تېبابەت دورىسى تېپىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ پۈتۈنلەي تاماقتىن قالغاچقا ھېچنېمە يېيەلمەيتتى. ئۇ ۋاپات بولۇشقا بىر كۈن قالغاندا ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى، ئاكىسىنىڭ ئايالى ۋە ئاپىسىمۇ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇلار بىر قانچە قېتىم كېلىپ يوقلاپ كەتكەن. بىراق ئۇلار ئاخىرقى قېتىم كەلگەندە ئۇ كۆزىنى ئاچالمىدى. پۈتۈنلەي ھوشسىز ياتاتتى. ئەتىسى بىز تالاغا چىقىپ كەتكەن يولدا ئۆيگە تېلېفون قىلساق ھېچكىم ئالمىدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال قايتىپ كەلدۇق. بىز ئۆيگە كىرسەك قىزى بىر قاچىغا سوغۇق سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ يۈزىنى سۈرتۈۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم كۆزىنى ئېچىپ، مەڭگۈگە يۇمدى. بۇ چاغدا 8‏‏-ئاينىڭ 19 ‏-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:05 ئۆتكەن ئىدى.»

خەيرىگۈل قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا جاڭ لوڭنىڭ ئۇنى تيەنجىندىكى تېۋىپلارغا ئاپىرىپ داۋالاتقانلىقى مەلۇم. تيەنجىندىكى شى فامىلىلىك بىر تۇڭگان تېۋىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەيرىگۈلنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارنى بەردى.
ئۇ: «راست، مۇشۇنداق بىر ئىش بار. كونكرېت ۋاقتى ئېسىمدە قالماپتۇ، بەلكى 2015‏-يىلىغۇ دەيمەن. مەن تېۋىپ. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ چوڭ تەرىتىدىن قان كەپتىكەن. مەن بىمارنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇنىڭ يولدىشى ماڭا ئايالىمنىڭ تەرىتىدىن قان كېلىۋاتىدۇ، قانداق قىلساق بولىدۇ، دېدى، مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بۇنى غەرب تېبابەتچىلىك ئۇسۇلى بويىچە دەرھال تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتقان. رېنتگېن، ك ت غا سېلىپ تەكشۈرۈپ بېقىشنى تاپىلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ كېسىلىگە مەنمۇ دىئاگنوز قويالمىدىم. تىبابەتچىلىكتە بۇنى قان كېلىش دەيمىز. تېبابەتچىلىك كېسەلنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا داۋالايدۇ. مەن ئۇنىڭغا غەربچە ئۇسۇلدا داۋالايدىغانلارغا كۆرسىتىپ بېقىشنى تاپىلىغان» دېدى.

ئامېرىكىدىكى بەزى تۇڭگان پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر خەيرىگۈلنى قولغا ئالغاندا ئۇنىڭ ئېغىر ئاشقازان كېسىلى بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا تەدبىر قوللانمىغان.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۇڭگان پائالىيەتچى سۇلايمان گۇيى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ تۈرمىگە ئېلىنغاندا ئۇنىڭ تەرىتىدىن قان كېلىش بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئەھۋالى راك كېسىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە بېرىپ قالغان بولسا كېرەك. بىراق، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۇنچىلىك ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بىمارنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن تۈرمىدە ئۇنىڭ كېسىلى بەك تېز تەرەققىي قىلغان. جاڭ لوڭنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى ئەرزىنامىسىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئاخىرقى 10 كۈنى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئۆتكەن. تۈرمە دوختۇرخانىسى كېسەلنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلغان.»

سۇلايمان گۇيى ئەپەندى، جاڭ لوڭنىڭ خەيرىگۈل قولغا ئېلىنغاندا تيەنجىنلىك ساقچىلارغا ئۇنىڭ كېسىلى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان گۇيى: «مەن جاڭ لوڭنىڭ ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن ئەرزىنامىسىدە تۈرمىنىڭ ئۇنىڭدا ئاشقازان راكى بارلىقىنى بايقىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرمىدىم. تۈرمە تەرەپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەيرىگۈلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئۇقتۇرمىغان. خەيرىگۈلنىڭ تۈرمىدە ئاشقازىنى قانىغانلىقى ئېنىق. لېكىن تۈرمە تەرەپ ئۇنى تەپسىلىي تەكشۈردىمۇ، بۇ ئېنىق ئەمەس. جاڭ لوڭ ئايالىنىڭ تۈرمىدىكى ئاخىرقى 10 نەچچە كۈنلۈك سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تۈرمە خەيرىگۈلنىڭ ئاشقازان راكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئاشقازان قانىشىدىن مەلۇم بولىدۇ. ئۇلار بۇنى بىلىپ ئامالسىز خەيرىگۈلنى داۋالاشقا قويۇپ بەرگەن. بولمىسا، ئۇ تيەنجىندە قولغا ئېلىنغاندا جاڭ لوڭ ساقچىلارغا ئۇنىڭ كېسىلى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا دورا ئاپىرىپ بەرگەن. ئەينى چاغدا تيەنجىن ساقچى پونكىتىدىكىلەر ئۇنى خاتىرجەم بول، بىز دىققەت قىلىمىز، دەپ يولغا سالغان» دېدى.

جاڭ لوڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ 2016‏-يىلى 5‏-ئايدا خەيرىگۈلنى چەتئەلدە داۋالىتىش ئۈچۈن 2‏-قېتىم پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىشنى يەنە رەت قىلغان.
جاڭ لوڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا مەن ئايالىمنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل بولغان ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار باش ئەترىتىنىڭ خادىمى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئايالىمنى ئامېرىكادا داۋالىتىش پىلانىم بارلىقىنى ئېيتقانتىم. ئۇ ماڭا دوختۇرنىڭ دوكلاتىنى كۆتۈرۈپ مارالبېشىغا بېرىپ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلساڭلا بولىدىغۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مارالبېشىغا باردىم. مەن ئالدى بىلەن ناھىيەلىك سىياسىي -قانۇن كومىتېتىغا كىردىم. سىياسىي -قانۇن كومىتېتىنىڭ چېن فامىلىلىك خىتاي سېكرېتارى، ئالدىدا ماڭا ج خ نازارىتىنىڭ پاسپورت بېرىلسۇن دەيدىغان خېتىنى ئەكەلسەڭ پاسپورت ئىشلەپ بېرىمىز، دېدى. ئارقىدىنلا گېپىنى ئۆزگەرتىپ، سەن قائىدە تەرتىپ بويىچە پاسپورتقا ئىلتىماس قىلساڭلار ئىشلەپ بېرىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە باردىم. ئۇ يەرگە بارسام ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ باشلىقىمۇ شۇ يەردە ئىكەن. مەن بۇ ئادەمنى بۇرۇن ئايالىمغا تۇنجى قېتىم پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا بىر قېتىم كۆرگەن ئىدى. ئۇ ماڭا، ئايالىڭ كونترول قىلىنىدىغان ئادەملەر تىزىمولىكىدەك چەتئەلگە چىقسا بولمايدۇ، دېدى.»

بىز بۇ مۇناسىۋەت تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار باش ئەترىتىنىڭ مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل خادىمى مۇتەللىپ ۋە مارالبېشى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، خەيرىگۈلنىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن بۇ ئورگانلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ئالغانلار سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت