خەلقئارا جامائەت: «ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتايدا قانۇن يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.09.23
ilham-toxti-sot-hokum.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2014-يىلى 23-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
CCTV

خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، بۇ قېتىمقى سوت ھۆكۈمىگە ئىنكاس قايتۇرغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىنكاس قايتۇرغان زىيالىيلار بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىغىمۇ «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش دۆلەتنى پارچىلاش«جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ خەۋەر، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن، خىتايدىكى مەسىلىلەرنى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدىدە بولۇۋاتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىيىگە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەققانىيەت ياقلىغۇچى بارلىق كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى ۋە ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بەرگەن باياناتىدا،«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك خىتاي ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇن ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كەترىن ئەشتىننىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ئاقساراي ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 23-سېنتەبىر ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئادىل سوتلاش ۋە ئاقلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى پروفېسسور ئىلھام توختىنى ۋە بۇ دېلو دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان قوللىغۇچىلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى ئۇيغۇرلارنى خىتايدا قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ رادىكاللىشىش يولىغا ئېلىپ ماڭىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

23-سېنتەبىر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈەنلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتچى 66 مىنۇتقا سوزۇلغان ئەيىبلەشنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ «8 كىشىلىك دۆلەتنى پارچىلاش تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغىنىدا، ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ ھۆكۈمگە قايتۇرغان ئىنكاسى قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە رەت قىلىش بولغان. ئىلھام ئەپەندى سوتچىغا قاراپ«مەن نارازىلىق بىلدۈرىمەن! مەن گۇناھسىز» دەپ ۋارقىرىغان، ئەمما ئىلھام ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، ئۇنى يالاپ تۇرغان ئىككى ساقچى ئۇنى سوت مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتنىڭ ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلمىغان قانۇنسىز سوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لى فاڭپىڭ ئەپەندى، سوت دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى ھەتتا ئۇنىڭ مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى ئۆزىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ قېتىم ئېچىلغان سوت ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى بولسا، سوتنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ۋە تەرتىپلەر بويىچە بېيجىڭدا ئېچىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلەرگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئۈستىدىن سوت ئېچىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

23-سېنتەبىر كۈنىدىكى سوتتىن كېيىن، گۈزەلنۇر خانىم تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ شۇ تاپتا تولىمۇ ناچارلىقىنى، سوت ھۆكۈمىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان چېغىدىكى مەنزىرىنى بايان قىلىپ،«گۈزەلنۇر بۇ زەربىنى كۆتۈرەلمىدى. ئۇنى ئىلھام توختىنىڭ قېرىنداشلىرى يۆلىگىنىچە سوت مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى» دېدى.

23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈم قىلغىنىدا سوت دەرۋازىسى سىرتىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ بار بولۇپ، بەزى مۇخبىرلار ئىلھام ئەپەندىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە گۈزەلنۇر خانىمنى يۆلەپ ماڭغان ئىلھام توختىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بىر كىرا ئاپتوموبىلىنى توسۇپ گۈزەلنۇر خانىمنى ئاپتوموبىلغا چىقارغان كۆرۈنۈشىنى خەۋەرلىرىدە ئىشلەتكەن.

ئىلھام ئەپەندى ئائىلىسىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوېسېر خانىم تۋىتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا 23-سېنتەبىر كەچتە گۈزەلنۇر بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىنى بايان قىلىپ،«كەچتە گۈزەلنۇر بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇنىڭ گەپ قىلغۇدەك ھالى قالماپتۇ، يېتىپ قاپتۇ، تېلېفوندىكى گەپلىرىمۇ ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقتى... تېخى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئۇ سوتتىن كېيىن ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن گۈزەلنۇرغا ئىلھام ئەپەندىگە سالىمىمىزنى يوللاپ قويۇشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭ، بىز ھەممىمىز ئىلھام ئەپەندىنى سېغىندۇق دېگەن ئىدىم» دەپ يازغان.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا ئىلھام ئەپەندى تۋىتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا «ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئادىمى بار جۇڭگودا قانۇننىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئەمما مېنى نازارەت قىلىپ دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى بۈگۈن بەكلا خۇشال ئىدى. ئۇلار ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلىپ،«سوت ھۆكۈمىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئەگەر ئاغزىڭنى يۇممىساڭ، سەنمۇ ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلىسەن،دېدى» دەپ يازغان.

ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىگە قارىتا ئىنكاسلىرى ۋە نارازىلىقى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ خىتايدا قانۇن يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئىلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىدەك تىنچ يول بىلەن، قانۇنىي يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان كىشىنىڭمۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان سىگنالىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت قانۇنىغا يەنىلا ئۈمىد باغلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماسلىققا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرقانداق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.