خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان 1000 غا يېقىن ساقچى ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئىش باشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.16
xitay-saqchi-charlash-tekshurush.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدىكى كېچىلىك بازارنى چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 25-ئىيۇن، قەشقەر.
AFP

ئاقتۇ ناھىيەلىك دائىرىلەر بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بىلەن 600 نەپەر خىتاي ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ساقچىخانىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، سەنشى، خېنەن، سىچۈەن ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى خىتاي ساقچىلار ئاللىقاچان ئاقتۇ ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىكى ساقچىخانا، چارلاش ئەترىتى ۋە تەكشۈرۈش توسۇقلىرىدا ئىش باشلىغانلىقى مەلۇم.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال ساقچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىچكى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنغان ساقچىلار ئاللىقاچان ناھىيەمىزگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھىيە بازىرىدا. ئۇلارنىڭ بىرىمۇ يېزىلارغا تەقسىم قىلىنمىدى. ئۇلار بىلەن بىزنىڭ خىزمەت دائىرىمىز ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما مائاش ۋە تەمىناتىمىز ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ مائاشىمىز 2600 سوم، ئۇلار 9 مىڭ سومدىن كۆپرەك مائاش ئالىدۇ، دەپ ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى توي قىلمىغانلار ئىكەن. ئۇلار يەنە ھەقسىز تۇرالغۇ ۋە تاماقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى «ئۇلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىن ناھىيەمىزگە ياردەم بەرگىلى كەلگەنلىكىدىن بولغان» دېگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىدۇق.»

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال ساقچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ساقچىلار يۇقىرى مائاش ۋە تەمىناتقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىككى كۈن ئىشلەپ ئارقىدىن بىر كۈن دەم ئالىدىغانلىقىنى، يەرلىك ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ 6 كۈن ئىشلەپ ئاران بىر كۈن دەم ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى: «بىزنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىمىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن مائاش ۋە تەمىناتىمىزدا پۈتۈنلەي پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مائاشى 8-9 مىڭدىن ئارتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلغانلارغا بىر يۈرۈشتىن ھەقسىز ئۆي بېرىلىدىكەن. ئۇلار تاماقنى ئىلگىرى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدە يەيتتى. ھازىر كۈندە بىر ماشىنا ئۇلارنىڭ ھەقسىز تامىقىنى ئىش ئورنىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىزنىڭ مائاشىمىز ئاران 2600 سوم، تاماق پۇلى بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، خىزمەت شارائىتى ۋە باشقا تەمىناتلىرى بىزنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. ئۇلار ئادەتتە يەرلىك ئامما بىلەن ئانچە كۆپ ئۇچراشمايدۇ. جىددىي ۋەقە چىقىپ قالسا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مىللىي ساقچىلارنى سەپلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجىمۇ يوق. ئۇلار ئادەتتە ئىككى كۈن ئىشلىسە كەينىدىن بىر كۈن دەم ئالىدۇ. بىز ھەپتىدە 6 كۈن ئىشلەپ، پەقەت بىر كۈنلا دەم ئالىمىز. ئۇلار ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولغاچقا يۇقىرىقىدەك ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوخشايدۇ.»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىشى، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ ساقچى يۆتكەپ كېلىشى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى ئاندىرېئان زېنز بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ياشلىرى بارغانسېرى رايوندىكى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ساھەلىرىگە جەلپ قىلىنماقتا. ئۇلار، ئۇيغۇر رايونىنى خۇددى تىبەتكە ئوخشاش ‹مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى› نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ چارىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ساقچىلىق خىزمىتى ئادەتتىكى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك پىلان نۇقتىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئاز ئىقتىساد سەرپ قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىماقتا. خۇددى ھازىر رايوندا تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئىش توختامى غەيرىي-نورمال بولغىنىدەك، ساقچىلىققا ياللانغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىمۇ غەيرىي نورمالدۇر. قىزىقارلىقى شۇكى، ئوخشاش بىر ساقچىلىق خىزمىتىنىڭ رايون پەرقى ۋە ئوخشىمىغان جۇغراپىيەگە قاراپ ئىش ھەققىنىڭمۇ كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقى مەلۇم. بەزى جايلار ساقچىلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن تەمىنلىسە، بەزى جايلار ئاز تەمىنات بىلەن ئىشلەتمەكتە. شىمالدىكى شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا ساقچىلارنىڭ مائاشى جەنۇبتىكى چەت رايونلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.