«خىتاي ساقچىسى» نىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارلاندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.12.11
turkiye-oqughuchi-saqchi-besim-1.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سالغان دىئالوگى.
Türkiyediki oqughuchi teminligen

ئۈندىداردا، ئۆزىنى «خىتاي ساقچىسى» ياكى «تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ساقچىسى» دەۋالغان بىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقە ئەۋەتىپ، «ئاتا-ئاناڭ ساڭا كېرەك بولسا، مېنى ئۈندىدار توپۇڭغا قوش،» دەپ تەھدىت ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردە يەنە بۇ ھەقتە فېسىبوك قاتارلىق بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىمۇ دىئالوگ خاتىرلىرى، سۈرەتلىك ۋە پاكىتلىق مەلۇماتلار ئاشكارلانماقتا.

رادىيومىزغا كەلگەن بۇ خىل ئۇچۇرلاردا ھەتتا «خىتاي ساقچىسى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كەلمىگىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىدلەر سالغان. ئۇلار يەنە «ئەگەردە مەلۇم مىقداردا پۇل ئەۋەتىپ بەرسە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردىمى تېگىدىغانلىقىنىمۇ پەش قىلغان.

بۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىزگە ئۆزىنىڭ خىتايچە «زۇگۇ»، يەنى «ۋەتەن» تەگئاتلىق بىرى بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان سۆھبەت خاتىرىسىنى تەمىنلىدى. تۈركىيەدىكى مەلۇم ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئوقۇغۇچى، ساقچىلار ئۆيدىكىلەرگە ‹قىزىڭنى ئەكىلىپ بەر› دەپ كۈندە كىرىپ ئاۋارە قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئاخىرى دادامنى 2-ئاينىڭ ئالدىدا تەربىيەلەشكە ئەكىرىپ كېتىپتۇ. ئاپامدىن مەجبۇرلاپ ئۈندىدار نومۇرۇمنى ئاپتۇ. بىر ئايدەك بولدى، ئۇ يەردىكى ساقچىلار ماڭا ئىككى كۈندە بىر ئۇچۇر يوللاپ، ‹نەدىلىكىڭنى، ئادىرىسڭنى يوللا› دەپ قورقۇتىۋاتىدۇ. دادامنى ئەكىرىپ كەتكەندىن بۇيان، ھازىر ئۆلۈك ياكى تىرىكلىگىنى بىلمەيمەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ۋەزىيتى بەكلا مۇرەككەپ، باشقا يەرگە ئوخشىمايدۇ. بەكلا ئەسكى، ئۆزۈمدىن ئەمەس، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانامنى ئويلاپ پۇچلىنىمەن. ئۇلار مېنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئائىلەمنى كۇزۇر قىلىۋالدى. ئاتا-ئانامنى گۆرۈگە ئېلىپ، مېنىڭ پۇت-قولۇمنى چۈشەپ قويدى. ئەگەر دادامنى قويۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا كېتىشكە مەن تەييار ئىدىم، لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ، قايتىپ بارسام، مېنىمۇ تۇتىدۇ. . . ئۇ چاغدا بىچارە ئاغرىقچان ئاپام تېخىمۇ ئەلەمدە قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا جاۋاب بېرەي دېسەم، غالچىلار ئاپامغىمۇ يامانلىق قالارمىكىن دەپ قورقىمەن. ھازىرچە چىرايلىق گەپلەرنى قىلىشقا مەجبۇرمەن.»

«ئۆزىنى خىتايچە ‹زۇگۇ› دەۋالغان ساقچى باشتا ‹داداڭ قولىمىزدا، دەرھال قايتىپ كەلمىسەڭ بولمايدۇ،› دەپ ئۇچۇر يوللاپ تەھدىت سالدى. ئوقۇشنى تۈگەتمەي كېتەلمەيمەن دېدىم. كېيىن ئۇ ‹قايتىپ كەلمىسەڭ ئائىلەڭدىكىلەر سەن ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك، يۇقىرىدىن شۇنداق ئۇقتۇرۇش بار،› دەيدۇ. ئاز دېگەندىمۇ ئۇلار 6 ئايدىن 1يىلغىچە تەربىلىنىدىكەن.»

«دادام ئۇنداق يەردە ياتسا، بىچارە ئاغرىقچان ئاپام قانداق قىلىدۇ، دەپ يالۋۇردۇم. . ئۇ ساقچى بۇ ھەپتە ئۆزىچىلا ‹مەن ياردەم قىلىپ داداڭنى چىقىرىپ بېرەي، لېكىن ئۇنىڭغا پۇل كېتىدۇ،› دېگىلى تۇردى. ئاشكارا ھالدا ‹بەش يۈز دوللار ئەۋەت،› دەپ پۇل سورىغاندىن كېيىن، گۇمانلىنىپ زادى قانداق قىلىشىمنى بىلمەي، بەلكىم بەزى قارا نىيەتلەر ماڭا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ پۇل ئۈندىرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن دەپمۇ گۇمان قىلدىم. قانداق قىلىشىمنى بىلمەي، ئاخىرى سىلەرگە ئېيتىشنى توغرا كۆردۈم.»

بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيىدە يالغۇز قالغان ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى دەلىللەشكە ۋە تەپسىلى ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتۇق. يېشى ئاتمىشتىن ئېشىپ قالغان بۇ ئايال، قىزىنىڭ ئۈندىداردا مەلۇم بىر خىتاي ساقچىسىنىڭ تەھدىت ئۇچۇرى ئالغانلىقى ۋە ھەتتا دادىسىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن بەش يۈز دوللار ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئېيتقانلىقلىرىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئوقۇۋاتقان قىزىنى ئەخمەق ئەمەس، بۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئايال ئېرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى، تەربىيىلىنىۋاتقان «مەكتەپ» كە بىر ئايدىن بۇيان كۈندە بېرىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ كۆرسەتمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ھازىر تۇتۇپ سولىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە ئىكەنلىكىدەك قىيىن بىر ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «خىتاي ساقچىسى» سالاھىيىتى بىلەن ئۇلارغا بېسىم، تەھدىت قىلىشقا، ھەتتا ئۇلاردىن پۇل ئۈندۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى دەلىللەش ۋە بۇ خىل ھەددىدىن ئاشقان يولسىزلىقنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېنقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

قەشقەر ھېيتكات ساقچىخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىپ «تەربىيەلەش» كە قاتنىشىشى كېرەكلىكى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىلار تەرىدىن چاقىرىلغان ھامان ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى ئەمما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈندىداردا تەھدىت ئۇچۇرىنى تاپششۇرۇۋېلىشىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ بىر ئۇيغۇر ساقچىسى ھەر قانداق بىر ساقچىنىڭ ئۈندىداردا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت ئىشلىتىشى ياكى ئۇلاردىن پۇل ئۇندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى، بىز ئېيتقان ئەھۋاللاردىن دېلو تۇرغۇزىلىدىغانلىقى ۋە ئېنقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرھال شۇ جايدىكى خىتاي كونسۇلى ياكى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

لېكىن بۇ ساقچى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مەجبۇرىي «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىشىنى «نورمال ئەھۋال» دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش» نامىدا چوڭ-كىچىك دېمەي ئۇيغۇرلارنى مەكتەپلەرگە يىغىپ كەڭ-كۆلەملىك، پىلانلىق «تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ كېيىنكى سوئاللىرىمىزغا تەھدىت ئارىلاش جاۋاب قايتۇردى.

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچراۋاتقان يۇقۇرقى مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرغان كۆزەتكۈچىلەر ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېقىنقى كۈنلەردە چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىسى گۆرۈگە ئېلىنغان تەقدىردىمۇ ھەر خىل تەھدىتلەردىن قورقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتمەسلىكىنى ۋە ئالدامچىلارنىڭ توزاقلىرىدىن ئاگاھ بولۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.