يۈننەننىڭ موخەن چېگراسىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.10.02
xaneriq-weqesi-chetishliq-turush-buyruqi.jpg ئاڭلىغۇچىمىز يوللىغان ئىنكاس خەتتە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىقىلار ، ج خ نازارىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن گۇماندارلارنىڭ تىزىملىكىدۇر. ئەمما تىزىملىكتىكىلەرنىڭ بۇ قېتىم يۈننەندە تۇتۇلغانلار قاتارىدا بار يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.
Radio anglighuchilar teminligen

ئۆتكەن ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىن يۈزگە يېقىن ساقچى كەلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ يۈننەندىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر ئاي ئىچىدە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ خېتىدە بايان قىلىنىشىچە، تۇتۇلغانلاردىن 30 نەپىرى يۈننەننىڭ موخەن چېگراسىدا تۇتۇلغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىگە چېتىلىپ يۇرتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلارمۇ بار ئىكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، راستىنىلا ئۇيغۇر رايونىدىن يۈننەنگە بىر تۈركۈم ساقچىلارنىڭ كەلگەنلىكى ۋە بۇ يەردە ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان يۈننەندىكى بىر ئۇيغۇر ساقچى، كونكرېت سانىنى دېمىگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ساندا كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى پاش قىلدى.

بىز ئالدى بىلەن خوتەن خانئېرىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، خانئېرىقتا نوپۇسلۇق كىشىلەردىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقان ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى، قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ بارلا ئەمەس، بەلكى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خانئېرىق ساقچى خادىمى: بىزنىڭ بۇ يېزىدىن قېچىپ يۈرگەنلەر خېلى بار. مەسىلەن، 9 خەنزۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن مەمتىلى، يۈسۈپ دېگەنلەرگە ئوخشاش.

خانئېرىق ساقچىخانا باشلىقى، خانئېرىق ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېچىپ يۈرگەنلەر ئۈستىدىن ج خ نازارىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، بۇ قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ باھاسىنىڭ 400 مىڭ سوم ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.
ساقچىخانا باشلىقى: ج خ نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بار، باھاسى 400 مىڭ سوم تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە بېرىلىدۇ.

بىز يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، خوتەندىن يۈننەنگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق:

نۆۋەتچى خادىم: بار، بار، ئەلۋەتتە بار.
مۇخبىر: تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرسىڭىز؟
نۆۋەتچى خادىم : 152 765....

يۈننەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بۇ ساقچى، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە كۈنمىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن يېقىندا يۈننەننىڭ موخەن چېگراسىدا تۇتۇلغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى تۇتۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

مۇخبىر: ئەمەت ۋە مەمتىلى دېگەن گۇماندارلار تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا بارمۇ-يوقمۇ؟
ساقچى: ئۇنداقلار (تۇتۇلغانلار) جىق، ئىسىملىرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن، تۇتۇلغانلارنىڭ كىملىكىنى دەپ بېرەلمەيمىز.

مۇخبىر: ھازىر موخەن چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىزمەتداشلىرىڭلار بارمۇ؟
ساقچى: بار.

مۇخبىر: تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرسىڭىز؟
ساقچى: دەپ بېرەلمەيمەن.

مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ تېلېفون نومۇرىمۇ مەخپىيەتلىككە كىرەمدۇ؟!
ساقچى:....

بىزگە ئۇچۇر يوللىغان ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاسىدا يەنە، يېقىندا خانئېرىقتىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 7 كىشىنىڭ ئىسىم ۋە رەسىملىرىمۇ يوللانغان بولۇپ، بۇلار مەمتىلى تۇرسۇن نىياز، ئابدۇرېھىم مەمەت، داۋۇت ئامۇت، ئابلىمىت سادىر، ئابابەكرى مەمەت قاتارلىقلار. ئەمما بۇلارنىڭ نۆۋەتتە يۈننەندە تۇتۇلغانلار ئارىسىدا بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.