جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.01.09
zhou-yongkang-ju-yongkang.jpg خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا. 2012-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ.
AFP


خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 - يانۋار چارشەنبە كۈنى سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن جۇ يۇڭكاڭ،،جاڭ جېمىن، لى دۇڭشياڭ قاتارلىق چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى مەتبۇئاتلاردا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەپتىدىكى خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ باشلىغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى.

خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى خۇاڭ شۈشيەن 7 - يانۋار كۈنى بايانات بېرىپ خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، خىتاي ج خ مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ چېرىكلىك دېلوسىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا رەسمىي تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئايالىنىڭ 2013 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى 2013 - يىل ئاخىرىدىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىپ بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ يەنى 2014 - يىل 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن جۇ يۇڭكاڭنىڭ چېرىكلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۇ ئېلىپ بارغان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، جۇ يۇڭكاڭدىن باشقا يەنە خىتايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن 10 نەچچىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن 50 تىن ئارتۇق كىشى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2015 - يىل 7 - ،8 - يانۋار كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن جۇ يۇڭكاڭ، جاڭ جېمىن، لى دۇڭشياڭ، شۈ سەيخۇ، لىڭ جىخۇا، سۇرۇڭ، ياڭ ۋېيزې، جاڭ ئۈنشېڭ، ياڭ جىڭشەن، گاۋ شىياۋيۈەن، ما شىياڭدۇڭ قاتارلىق مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ھەربىي گېنېراللار بولۇپ 10 دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدار، 50 تىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار چىرىكلىك دېلوسى بىلەن تەكشۈرۈلۈپ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغان. 2014 - يىلى پارىخورلۇق ۋە چىرىلىك قىلمىشلىرى ئاشكارىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 53 مىڭغا يەتكەن. 70 مىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى چىرىكلىك دېلولىرىغا چېتىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. پەقەت 2014 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنى 2014 - يىل 7 - ئايدىن 12 - ئايغىچە بولغان بەش ئاي ئىچىدە چەتئەللەردىن خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 680 نەپەرگە يەتكەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى 8 - يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا 2014 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىشلىق ئەمەلدارلارنىڭ 2013 - يىلى بىر يىلدا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەرنىڭ 4 ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2014 - يىلى خىتايدا چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئەمەلدارلار بولۇپمۇ، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق ئىگىلىرى بولغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرۇسىدىكى 9 دائىمىي ھەيئەتنىڭ بىرى بولغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا رەسمىي تاپشۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 2014 - يىلدىكى ۋە يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىنكى ئەڭ قىزىق دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك قىلمىش دەرىجىسىنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنغان بو شىلەي، شۈ سەيخۇ، جاڭ جېمىن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىدىن كۆپ ئېغىر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئەگەر بۇلتۇردىن باشلاپ خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى، ئىلگىرىكى ئايالىنى باشقىلار ئارقىلىق قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىش جىنايىتى، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىق دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلىفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قەست قىلىش قىلمىشلىرى سوتتا دەلىللەنسە، جۇ يۇڭكاڭغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 2015 - يىل يېڭى يىلدىن كېيىنكى خەۋەرلىرىدە يەنە، جۇ يۇڭكاڭدىن كېيىن، چىرىكلىك بىلەن جازالىنىش ئېھتىمالى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن يەنە كىملەرنىڭ پاش بولۇشى ۋە جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى قاتارلىق تېمىلارمۇ قىزىق نۇقتا بولماقتا.

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ستاتېستىكا ئورگىنى بولغان «يەر شارى ئىقتىسادى ئادىللىق مۇنبىرى» ئېلان قىلغان ستاتېستىكىغا قارىغاندا، 2002 - يىلىدىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ خىتايدىن قانۇنسىز ھالدا چەتئەللەرگە يۆتكىگەن پۇلنىڭ مىقدارى 1 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

نۆۋەتتىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە يەنە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ يېقىنلىرىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىدىن كېيىن يەنە كىملەرنىڭ جازالىنىشى ۋە خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا سابىق خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىغا تۇتىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ 9 - يانۋاردىكى سانىدا بېسىلغان خىتايدىكى چىرىكلىك دېلولىرى ھەققىدىكى بىر خەۋەردە « 2015 - يىل يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىغان«چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن. چۈنكى شى جىنپىڭ ھازىر چىرىك ئەمەلدارلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنى خىتاي ئارمىيىسى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ھەتتا خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتتى. 2014 - يىلى خىتايدا دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىنلا 10 نەچچىسى جازالاندى. ئەمدى تىغ ئۇچى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا توغرىلىنىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلار كىملەر بولۇشى مۇمكىن؟ 2015 - يىلى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتلىمىدا قانداق سىياسىي داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ؟» دېگەندەك بايانلار بېرىلدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خەۋەر مەنبەلىرىدىن بوشۈن تورى 9 - يانۋار كۈنى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئوغلى جياڭ مەنخېڭنىڭ خىتاي پەن - تېخنىكا ئاكادىمىيىسىنىڭ شاڭخەي شۆبىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. چەتئەللەردە چىقىدىغان «مىڭجىڭ پوچتا گېزىتى» نىڭ 9 - يانۋاردىكى سانىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جيەننىڭ 8 - يانۋار كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا 31 - دېكابىر يېڭى يىل كېچىسى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن 36 ئادەمنىڭ دەسسىلىپ ئۆلۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ شاڭخەيدىكى ئەمەلدارلاردىن يەنە كىملەرنىڭ جازالىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ھەر خىل پەزەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.