جارۇللاھ ھىسامىدىن : 'مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋام قىلىمىز'

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى جارۇللاھ ھىسامىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرى دەپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىشتىن سىرت يەنە، "چەتئەللەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى، جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ۋە 'گۇمانلىق كىشىلەر'نى" تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى قوراللىق ھالدا قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن باستۇرغاننىڭ سىرتىدا، داۋاملىق ھالدا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" قاتناشقۇچىلىرىنى "ئىز قوغلاپ تۇتۇش، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماسلىق" دېگەندەك شۇئارلار ئاستىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەھىمە ياراتماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئادىل سوت ئېچىش ۋە ئۇيغۇرلارغا بېرىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى بىكار قىلىش چاقىرىقلىرىغا قارىماي، 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى داۋام قىلماقتا.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى جارۇللاھ ھېسامىدىننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئارتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.