ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاستانادا باشلاندى
2010.12.01
كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە مەزكۇر ئورگانغا رەئىسلىك قىلىش سالاھىيىتى تالاش -تارتىش قوزغىغان قازاقىستاننىڭ ساھىپخانلىقىدىكى بۇ يىغىندا يەنە ئافغانىستان ئۇرۇشى، قىرغىزىستاندىكى مىللى توقۇنۇش، يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى ناگورنا-قاراباغ توقۇنۇشىغا ئوخشاش رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بۇنىڭدىن 10 بۇرۇن 1999- يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىدى. ئاستانادا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن مەزكۇر ئورگانغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ 10 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم توپلىنىشىدۇر.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارك پەررى دﯤ برىكامبوئۇت چارشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، يېقىندىن بۇيان مەزكۇر ئورگاننىڭ بەزى پرىنسىپلىرىغا سەل قارالغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچسىزلىك ئۇنىڭ كرىزىسقا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقىستان بۇ يىلدىن باشلاپ مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆزبېك ۋە قىرغىزلار ئارىسىدا پارتلىغان ئوش ۋە جالالئابادتىكى توقۇنۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە بەزى دۆلەتلەردە ئۇنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتىگە گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم پرېزىدېنت ئوباماغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن ساقلىنىشتا تېخىمۇ دىنامىك رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلغان. كلىنتون خانىم يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن سەيشەنبە كۈنى ئاستانادا بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرگە سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەرەققىياتىدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.