ھالبۇكى بېيجىڭدىمۇ ئەرزىنى ئاقتۇرالماي ئامالسىز قالغان جىڭ يەنجىې تيەنئەنمېن مەيدانىدا " خۇ جىنتاۋغا سالام" دەپ لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان، ھالبۇكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش بىلەن قولغا ئېلىپ 10 كۈن سولاپ قويغان. ئۇ مۇددىتى توشۇپ لياۋنىڭغا قايتقاندا بولسا، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش باھانە بىلەن ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە قامالغان.
ئىستانسىمىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە لياۋنىڭدىكى يەرلىكلەردىن ئىگىلىشىچە، چوشقا زۇكامى تارىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جايلاردا چوشقىلاردا گۇمانلىق ئەھۋال بايقالغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا جىددىي مەلۇم قىلىشقا ئوخشاش تۈزۈملەرنى چىقارغان بولسىمۇ، پايدىنىلا قوغلاشقان باقمىچىلار ۋە يەككە قوشخانا ئىگىدارلىرى جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەزى پارىخور كادىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ چوشقىلاردا كۆرۈلگەن گۇمانلىق كېسەللىك ھەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چوشقا زۇكامى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، چوشقا زۇكامى تارالغان تۆت ئايدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئادەملەر 700 گە يەتكەن.
