ئەزەربەيجان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا ئاڭلىتىش بېرىشىنى چەكلىگەن

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ب ب س قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئازەربەيجاندا ئاڭلىتىش بېرىشىنى چەكلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.31

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەزەربەيجان دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارىنى " ئەزەربەيجاننىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىدىكى توسالغۇ" دەپ تەنقىد قىلغان. ئەزەربەيجان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قارارى 1 ‏ - يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قارار دۆلەت كونتروللىقىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ماناپولىيىلىك ئورنىنى تىكلەپ، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىگە توسالغۇ يارىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ مەسئۇلى جېفرېي گېدمىن ئەزەربەيجان دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا " بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن ۋە مۇستەقىل مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىيالمايدىغان ئەزەربەيجان خەلقى ئۈچۈن كۆڭۈلسىز بىر كۈن بولدى" دەپ تەكىتلىگەن.

ئازەربەيجاننىڭ ئەزالىقىدىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئازەربەيجاننىڭ قارارىنى تەنقىدلەپ، " بۇ ئېغىر دەرىجىدە كەينىگە چېكىنگەنلىك" دېگەن. جېفرېي گېدمىن، ئەزەربەيجان رادىئو - تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى پروگراممىلىرىنى قىسقا دولقۇندا ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، " بىز تىڭشىغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلىتىش يولىنى تاپىمىز، بىزنىڭ ئەزەرى خەلقىنى چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان خەۋەر ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى " دەيدۇ.

لېكىن ئەزەربەيجان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى توسىغان بىردىن - بىر دۆلەت ئەمەس. يېقىندا قىرغىزىستان ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى بىكار قىلغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.