خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.27

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان سودا خەۋەرلىرى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر گاز تۇرۇبىسى، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇ گازنى خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە يەتكۈزىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، شىركەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس كۆمۈردىن يېقىلغۇ گازى ئايرىپ چىقىدىغان 10 زاۋۇت قۇرىدىكەن.

بۇلارنىڭ ئىككىسى نۆۋەتتە سانجى شەھىرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە قارىغاندا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنى مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنى 12- 5 يىللىق تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزگەن.

خىتاينىڭ جۇڭگو نېفىت-خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى 2004- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىدىغان " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" تۇرۇبا لىنىيىسىنى قۇرغان ئىدى.

بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ باشقا خۇسۇسىي شىركەتلىرىمۇ ئىلى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا كۆمۈردىن يېقىلغۇ گازى ئايرىش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان.

مەلۇماتلارغا قارىغان بۇ خىل قۇرۇلۇشىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.