7 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

28 - دېكابىر خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 7 ئۇيغۇرنى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ ئېتىپ تاشلىغانلىقى رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر CNN ۋە «نيۇ - يورك ۋاقىت» گېزىتىدە خەۋەر قىلىندى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.31

«نيۇ - يورك ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 30 - دېكابىردىكى سانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆلگۈچلەرنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى، ئەمما، ئەركىن ئاسىي رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باياناتچىسى خۇ خەنمىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە 2009 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، «خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە «قەشقەر يېڭى بازا ۋەقەسى» قاتارلىقلار بىر بىرلەپ ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

رادىئومىز بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ئاياللار مۇ بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.